خەير خوش، قىرتاق سۇ!

2020.06.17 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى بۇزاق كەنتىدە، 68 ياشلىق ھەبىبۇللا توختى (سولدا) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە دەم ئالغاچ چاي ئىچمەكتە (5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  6-ئايدا بۇغدايلار پىشتى، سۈزۈك، تاتلىق تۇربا سۈيىنىڭ مىڭلىغان ئائىلىلەرگە ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاق رايون شىنجاڭ ئەمدى قىرتاق سۇ بىلەن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتى.

  پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيا جۇڭخۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ سۈيىدە فتورلۇق ئارسېن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، تەمى ئاچچىق، تۇزلۇق ئىدى، سۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر خىل كېسەللىك كۆپ ئىدى». كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاھالىسى ئىزچىل بىخەتەر سۇ ئىچەلەيدىغان بولۇشقا ئىنتىزار ئىدى.

  پەيزاۋات ناھىيەسىگە ئوخشاش قۇملۇق بىلەن تاغ ئارىسىغا قىسىلىپ قېلىپ، يىل بويى قۇرغاقچىلىق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغقاچقا، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ بىر يۇتۇم پاكىز سۇ تېپىشى ئىنتايىن تەس ئىدى. كۆل سۈيى ۋە تۇزلۇق سۇ سەۋەبلىك ئىلگىرى بۇ يەردىكى كىشىلەر نامراتلىق ۋە كېسەللىك ئىچىدە تىركىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇدىن ۋاز كېچىشكە قۇربى يەتمەيتتى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون غايەت زور مالىيە كۈچى سەرپ قىلدى، ئەمما بىپايان قۇملۇق ۋە قۇرۇم تېغىنىڭ ئىچكى جايلىرىدىن سۈزۈك سۇ تېپىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، دۆلەت شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي كاپالەتلىك قىلدى، بۇ بىر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى.

  بۇ يىل يازدا، پەيزاۋات ناھىيەسىنى ئاساس قىلغان ئەڭ ئاخىرقى 15 مىڭ 300 ئادەم «خاتىرجەم سۇ» ئىچتى، بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە: جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاق رايون بولغان شىنجاڭدىكى ھەممە ئائىلىلەردە تۇرۇبا سۈيى بار بولدى.

  ئۆتمۈشتە ئادەم ۋە چارۋىلار بىر كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچەتتى

  «نان دېسەڭ بېرىمەن، سۇ دېسەڭ جېنىم بار»، دېگەن ماقال-تەمسىل تارىم ۋادىسىدىكى سۇنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.

  قۇملۇقنىڭ چېتىدە جان كەچۈرۈش ئۈچۈن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر بوستانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇلتۇزلاردەك تارقالغان سۇ ساقلاش كۆلچىكى كولاپ، سۇ ساقلاشقا ئىشلەتكەن. كۆلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە كەلكۈن كەلگەندە، دەريا-ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيى ياكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىگەن سۈيىنى كۆلچەكلەرگە باشلاپ كېلىپ ساقلىۋالاتتى، بۇ ئازگالدىكى ئۆلۈك سۇ ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ «جان تومۇرى» بولۇپ قالاتتى.

  كۆل سۈيىنىڭ تەمى قانداق دەپ سورالغاندا، كونىلار «قىرتاق ئىدى، خۇددى دەرەخنىڭ كۆك يوپۇرمىقىنى چاينىغانغا ئوخشايتتى»، دەيتتى.

  ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆلچەكلەرنى تاشلاپ، قۇدۇق قېزىپ سۈزۈك سۇ چىقىرىلدى

  بۇزاق كەنتى شىنجاڭ خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان. 1994-يىلى 10- ئايدا مەركەزنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى بۇ يەردىن باشلاندى. بۇ، دۆلەتنىڭ «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇنى ياخشىلاش» قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇپ 10 يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئىچىملىك سۇنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىدى.

  بۇزاق كەنتىدە تۇنجى چوڭقۇر سۇ قۇدۇقىنىڭ بۇرغىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ كۆل سۈيىنى ئورتاق ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە قىرتاق سۇ بىلەن خوشلىشىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىلىدىغان بولدى

  جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا سۇنى ياخشىلاش يەنىلا داۋاملاشماقتا.

  كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا سۇنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تىپى»دىن «بىخەتەر بولۇش» تىپىغا ئۆزگەردى. بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىچىملىك سۇنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  كۆل سۈيىدىن يەر ئاستى سۈيىگىچە، يەر ئاستى سۈيىدىن «بېيجىڭ ئۆلچىمى»دىكى تۇرۇبا سۈيىگىچە خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئىچىملىك سۇدا «ئۈچ دەرىجىلىك سەكرەش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاقسۇدا، قىزىلسۇدا، خوتەندە، قەشقەردە... سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى كەنتلەرگە، قۇرۇم تاغلىرىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا، پامىر ئېگىزلىكىدىكى يېزا-كەنتلەرگە ئېقىپ باردى ھەمدە كۈندىن-كۈنگە ئالغا بېسىشتەك غەيرىتى بىلەن، ئاخىرقى غەلىبىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  تۆۋەندىكى 1-سۈرەتتە: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدە بىر دېھقان كۆلدىن سۇ ئالماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ