مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىۋاسىتە تارقىتىشنىڭمۇ چېكى بولسۇن

2020.06.15 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئابونتلىرى 560 مىليونغا يېتىپ، تور ئەھلىنىڭ %62 نى ئىگىلىگەن. ھالبۇكى، كەسىپ رىقابىتى ۋە مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر قىسىم بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرىدا قالايمىقان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە كۆپ ساندىكى تور ئەھلىنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بەزى بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئېقىم مىقدارىنى قوغلىشىش، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، رىياسەتچىنىڭ كىيىنىشى ئوچۇق، گەپ-سۆزى قوپال، ھەرىكىتى قەبىھ بولۇشىغا، «پاراۋانلىق تەقدىم قىلىش»، چاكىنا ئويۇن قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئابونتلارنى يۇقىرى سوممىلىق تارتۇقلاشقا جەلپ قىلىشىغا، ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىممەت تولۇقلاپ تارتۇقلاشقا ئازدۇرۇشىغا يول قويدى، چېتىلىدىغان پاش قىلىش دېلولىرى يۇقىرى بولۇپ كەلدى؛ بەزى بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسىنىڭ رىياسەتچىلىرى تور ئەھلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى يوق، سۈپەت لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى يوق، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئۇچۇرى يوق مەھسۇلات، ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، توردا نورمال مال سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرماقتا... توردا بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرىدىكى بۇ قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار تور ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسەتمەكتە، بۇنى قەتئىي تۈزەش كېرەك.

  يېقىندا، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق سەككىز تارماق توردا بىۋاسىتە تارقىتىش كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يېرىم يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ساھەدىكى قالايمىغان ھادىسىلەرگە قارىتا: ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، مەۋھۇم بوشلۇق ساختا بوشلۇق ئەمەس، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق كەسىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر، دېگەندىن ئىبارەت ئېنىق يۆنىلىشنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئالاقىدار تارماقلار توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە توردا بىۋاسىتە تارقىتىشنى تارتۇقلاش، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق مال سېتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بۇ، «بىۋاسىتە تارقىتىش ئىقتىسادى»غا قارىتا مۇھىم بولغان باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىۋاسىتە تارقىتىشتا مەسىلە كۆرۈلۈش كۆپ يۈز بەردى، ئەمما مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۆپ كۆرۈلمىدى. شۇڭا، بىۋاسىتە تارقىتىش شەكلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاڭلىق، سەمىمىي، قېلىپلاشقان تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېقىندا، جۇڭگو سودا بىرلەشمىسى «سىنلىق بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق مال سېتىۋېلىش تىجارىتى ۋە مۇلازىمەت ئاساسىي قائىدىسى» ۋە «توردا مال سېتىۋېلىش سەمىمىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى باھالاش قوللانمىسى»نىڭ تۈزۈلىدىغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، تۇنجى مەملىكەت خاراكتېرلىك بىۋاسىتە تارقىتىش شەكلىدىكى ئېلېكترونلۇق سودا ئۆلچىمىنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بوسۇغا تەسىس قىلىپ، تۆۋەن چەك بەلگىلەپ، ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ، قائىدە چىقىرىپ، تۈزۈم، ئۆلچەم ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى كەسىپنى قوغداپ، بىۋاسىتە تارقىتىشنى «مال سېتىپ بولۇپلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىش» قىيىنچىلىقىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ساغلام، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇرۇش كېرەك.

  ئەلۋەتتە، بىۋاسىتە تارقىتىشتىكى قالايمىقان ھادىسىلەرنى مەنبەدىن تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك تۈزىتىشكىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، ئۆلچەم، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشمۇ پەقەت بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن- نىزاملارنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشى، بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، سودىگەرلەر، رىياسەتچىلەرنىڭ قاتتىق تەلەپچانلىقى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئارزۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرى كىشىلەرنى سىن كۆرگەندە تېخىمۇ خۇشال، مال سېتىۋالغاندا تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ