مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن يىغىنىغا يازمىچە سۆز قىلدى

2020.06.19 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن يىغىنى 18-ئىيۇن بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا يازمىچە سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى، بەزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۇرغۇن دۆلەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرىدۇ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم بىزگە بىر قاتار چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرى زىچ باغلانغان، ئىنسانلار جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىدۇر. مەيلى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بولسۇن ياكى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسۇن، ھەممىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يولىدا مېڭىش، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ___ يەرشارىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تىنچ تەرەققىي قىلىشتا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئىتتىپاقلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ھەمكارلىق يولى، خەلقنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ساغلاملىق يولى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ئېشىش يولىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، «‹بىر بەلباغ، بىر يول› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ زەربە بېرىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 25 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس، ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە ب د ت تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شى تەينا يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ