مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى «قوش ئۆلچەم» نەيرىڭىدۇر

2020.06.19 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 18- چېسلا مۇخبىر جۇ چاۋنىڭ «ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى "قوش ئۆلچەم" نەيرىڭىدۇر» ناملىق شىنخۇا ئوبزورىنى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شۇ جاي ۋاقتى 17- ئىيۇن، ئامېرىكا ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، شۇنداقلا بىر مەيدان «قوش ئۆلچەم»لىك ئويۇنىدۇر.

  ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرىنىڭ نەزىرىدىكى بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىشىدىكى يەنە بىر «قورال»ىدۇر. بىراق، دۇنيا خەلقىنىڭ نەزىرىدە، بۇ پەقەت ئامېرىكىچە بىر ساختىلىق بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ «قوش ئۆلچەم» قوللىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغاندىن سىرت، باشقا ھېچ پايدىسى يوق.

  بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر. ۋاشىنگتوندىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى»نى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگىنىدىن قارىغاندا، ئۇلارغا بۇ مەسىلە خۇددى ئۆز ئائىلە ئىشلىرى كەبى «تونۇش»تەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدە زادى نەچچىسى شىنجاڭغا كېلىپ باققان؟ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولۇپ باققان؟ ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا ھۇجۈم قىلىشتا "ئاساس" دەپ قوللانغان سانلىق مەلۇماتلىرى، قانچىلىكى پەقەت «ئامېرىكىچە قىممەت قارىشى»دا چىڭ تۇرىدىغان تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان؟ ئۇ سانلىق مەلۇماتلار زادى قانچىلىك مۇلاھىزە قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پۇشتىدىن باشلاپ چوڭقۇر كەمسىتىشى ۋە ئۇلارغا بىر تەرەپلىمە قارىشى ئۇلار ئېيتقان «كىشىلىك ھوقۇق»قا زادى قانچىلىك دەرىجىدە ماس كېلەر؟ يەنە زادى قانچىلىك ساددا كىشىلەر باركى، ئۇ ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار شۇنچە يىراق بىر جايدىكى باشقا بىر توپنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق»ىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن؟

  كۆزى ئۆتكۈر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كۆرەلەيدۇكى، ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى»نى كۆپتۈرۈشىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە بۇنى نىقاب قىلىپ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگودىكى مىللىي مۇناسىۋەتكە بۆلگۈنچىلىك قىلىشتۇر، تۈپ مەقسىتى بولسا، جۇڭگونى ۋەيران قىلىش ۋە قالايمىقانلاشتۇرۇشتۇر. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنىڭ بۇرۇنلا ئۈلگىسى بار. مەسىلەن، ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلار لىۋىيە، سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ «كۆڭۈل بۆلۈش» ئوبيېكتىغا ئايلاندۇردى، بۇ دۆلەتلەر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغاندا بولسا، ئامېرىكا ئىككى قولىنى بىر سىلكىپلا ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ كارى بولمىدى.

  شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ھېچكىم مەركىزىي ھۆكۈمەتتىنمۇ بەكرەك شۇ جاينىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ تۈپ بەخت-سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شىنجاڭ ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاچقا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە، مىللەتلەر باراۋەر ۋە ئىتتىپاق ياشىماقتا، دىنلار ئارا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق مەۋجۇت، خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم ۋە بەختلىك بولىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى. نېمىشقا پەقەت ئامېرىكىلا بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ؟

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «جۇڭگو تەھدىتى» دېگەننى ھەدەپ تەرغىپ قىلدى، ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك بېسىم ئىشلىتىشتەك قاتتىق سىياسەت قوللاندى. شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە شياڭگاڭ مەسىلىسىدە، ھەمدە ئىقتىساد-سودا مەسىلىسى ۋە نۆۋەتتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە چېتىشلىق مەسىلىدە، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك بىر قاتار خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

  شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە بولۇپ، چەت ئەلدىكىلەرنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكىنى بىز بۇنداق «قوش ئۆلچەم» نەيرىڭىنى ئەمدى ئوينىماسلىققا دەۋەت قىلىمىز !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ