مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

2020.06.19 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ كەسكىن سۆزلەشكەنلىكىگە قارىماي، ئامېرىكىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇردى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىق. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندۇق ھەم بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەر ئىككى دۆلەت تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، تېررورلۇق __ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامرىشىنى توسۇش − جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش − تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئامېرىكا ئەسلىدە جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئامېرىكا ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇق نامى بىلەن جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇق كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بەردى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا. شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى، ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلدى. ئامېرىكا ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش نامى بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈچلىرىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، بۇنى جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ قورالى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى. بۇ، پۈتۈنلەي چوتنى خاتا سوققانلىق، ھېسابنى خاتا قىلغانلىقتۇر. جۇڭگو خەلقى ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق بېسىم − پەقەتلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا داۋاملىق كۈچلۈك زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى تارىخ چاقىنىڭ ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ھەر قانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ