مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ

2020.06.19 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلاندۇرۇلۇشى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندى، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  شۇنى كەسكىن رەۋىشتە كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، شىنجاڭ مەسىلىسى ئامېرىكا تەرەپ تەرغىپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان-تېررورچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ، زور ھاياتلىق ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا كەسكىن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ئۇ ئالاقىدار تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جۈملىدىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە «زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى كونكرېت قەدەم-باسقۇچى ۋە گەۋدىلىنىشىدۇر. جۇڭگونىڭ تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى، نەتىجىدە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرى كۈچلۈك كاپالەتكە ئېرىشتى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ۋە دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى ئەمەلىيەتتە پاكىتقا پۈتۈنلەي پىسەنت قىلماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىك. پاكىت بولسا قۇرۇق گەپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا مىللەتلەر باراۋەر ۋە ئىتتىپاق ياشىماقتا، دىنلار ئارا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىق مەۋجۇت، خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم بولىۋاتىدۇ، مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي بەختىدۇر. 2019 ـ يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.2كە يەتتى، 2020- يىلى نامراتلىق تەلتۆكۈس تۈگەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 650 مىڭغا يېتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %46.8ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭدا 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 530 نەپەر مۇسۇلمان نوپۇسقا بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن ئىبارەت 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا.

  ھەقمۇ ياكى ناھەقمۇ، ئەگرىمۇ ياكى تۈزمۇ، بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس پىكرى بولىدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 43- قېتىملىق يىغىنىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى ماختىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ۋە ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 1000دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇخبىر ۋە دىنىي زاتلار دېگەندەك كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ زىيارەت قىلىشىنى كۈتۈۋالدۇق، 2019- يىلى، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىغا بىرلىشىپ ئالاقە ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى؛ 60 نەچچە دۆلەت 74- نۆۋەتلىك ب د ت نىڭ 3- كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە بەس-بەستە سۆز قىلدى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللىدى، جۇڭگونىڭ غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ماختاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى. ئىلگىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىرزات ساد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى «بىر خىل قاقتى-سوقتى قىلغانلىق» دېدى. بىرازىلىيەنىڭ بىرازىلىيە-جۇڭگو سودا-سانائەت باش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىسابېل كاۋاللو ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي مەقسىتى دۇنيا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشتۇر، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئوچۇقتىن-ئوچۇق قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى ھەممىگە ئايان، ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى قوزغاپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئاممىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى؛ ئامېرىكا يەنە تېررورلۇقنى مۇئەييەن دۆلەت، رايون ۋە دىن بىلەن باغلاپ، مۇسۇلمانلارنى ئاساسلىق نوپۇس قىلغان بەزى دۆلەتلەرگە قارىتا «مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى»نى چىقاردى. ئامېرىكىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەن %75 مۇسۇلمان ئامېرىكا جەمئىيىتىدە نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ھادىسىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى %69 ئادەتتىكى جامائەتچىلىكمۇ ئوخشاش قاراشتا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %50ى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا مۇسۇلمان بولۇش تېخىمۇ قىيىنلىشىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.ناھايىتى روشەنكى، ئامېرىكا بۇرۇنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك ئىدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە بولۇپ، چەت ئەلنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇلدا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكىدىن خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى چەكلەشتەك سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ