مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كارخانىلارغا يەنىمۇ مۇۋاپىق پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىندى

2020.06.18 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كارخانىلارغا يەنىمۇ مۇۋاپىق پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى كۆلەملەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تەكرار قەرز پۇلنى تەكرار دىسكونت قىلىش، بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلق پۇلى قەرزى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپ ئاشتى، كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىرىنچىدىن، پايدىنى مۇۋاپىق ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ۋە زايوم ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئېتىبار ئۆسۈملۈك قەرز پۇل تارقىتىش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى يولغا قويۇش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كېپىلسىز ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىشىنى قوللاش، بانكىنىڭ ھەق ئېلىشىنى ئازايتىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن بىر يىلدا تۈرلۈك كارخانىلارغا 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق قوراللاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، بازارنىڭ ئايلىنىشچانلىقىنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا خەلق پۇلى قەرز پۇلى قەرزىنىڭ يېڭىدىن ئېشىش كۆلىمى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ يېڭىدىن ئېشىش كۆلىمىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئاشۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەبلەغنى بىۋاسىتە كارخانىلارغا يەتكۈزۈشتەك سىياسەت قورالى ۋە ئالاقىدار مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كاپالەتلىك قىلىش، كونترول قىلىش تەلىپى بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنىڭ ئاساسلىقى ياسىمىچىلىق كەسپى، ئادەتتىكى مۇلازىمەت كەسپى، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغنىڭ ئېغىپ كېتىشى ۋە «قۇرۇق ئايلىنىشى»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، پۇل مۇئامىلىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ كاپىتالىنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك. بانكىلارنىڭ ئىچكى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ باھالاشتىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۈپەتسىز قەرز پۇلنى تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىشنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قەرز پۇل تارقاتقاندا قوشۇمچە نامۇۋاپىق شەرت قويۇش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئەمەلىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش، قەرز ئېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ