شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2020.06.18 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو-ئافرىقا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو جۇڭگو- ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو- ئافرىقا دوستلۇقىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ۋە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. يىغىندا «جۇڭگو- ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى.

  بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سىنگال ئورتاق تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا، سىنگال زۇڭتۇڭى سال ۋە مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، كونگو (كىنگ) زۇڭتۇڭى سىسېكدى، ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېبېن، گابون زۇڭتۇڭى بونگو، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتا، مالى زوڭتۇڭى كەيتا، نىگېر زۇڭتۇڭى ئىسسوفۇ، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى، رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامى، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇنانگاۋا، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئاببى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى يىغىنغا قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تەن دېسەي ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن دۇنيا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، بىز بۇ قېتىملىق جۇڭگو-ئافرىقا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى يېڭى-كونا دوستلار بىلەن سىن ئارقىلىق جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا قېرىنداشلىق مېھرىنى ئورتاق بايان قىلدۇق. بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىپ، 100 مىڭلىغان كىشىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا زامىن بولدى. مەن شۇنى ئوتتۇرىغا قويىمەنكى، بىز يۇقۇمدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ھال سورايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ