مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەممەيلەن يىغىنغا كەتسە، ئىشنى كىم قىلىدۇ؟

2020.06.17 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن بىر نامرات ناھىيەدە، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ھاكىم بىر ئايدا جەمئىي 71 قېتىم سىنلىق يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندىن باشقا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلاردىن كەلگەن تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ سۆھبەت ئالماشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان، ئالدىراشچىلىقتا پايپېتەك بولۇپ كەتكەن...

  يېقىندا، «ھە دېسىلا يىغىن ئېچىپ، ھۆججەت تارقىتىش ئادىتىنى تورمۇزلاش لازىم» ناملىق خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، خەۋەردە ئېلان قىلىنغان مىسال تېخىمۇ كەڭ تەسىر قوزغىدى. «يىغىندا بولمىسا، يىغىنغا ماڭغان يولدا بولۇش» قۇرۇق گەپ ساتقانلىق ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئىنكاسىدۇر. بۇنداق شەكىلۋازلىق قالايمىقانچىلىقى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئورۇنسىز يىغىن بىلەن چارچىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋاقتى ۋە زېھنىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىگىلىۋالماقتا. ھەممەيلەن يىغىنغا كەتسە، كىم ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟

  ھەر قانداق خىزمەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەڭ مۇھىم ھالقا، پەقەت ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشلا ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېيىلىدۇ. ئەگەر ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتماي، يىغىن بىلەن خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغاندا، يىغىن ئېچىلدى، خىزمەتمۇ ئەمەلىيلەشكەنگە ھېساب، يۇقىرىغا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغاندا، ئۇنداقتا ھەرقانچە ياخشى نىشان، ھەرقانچە ياخشى پىلانمۇ ئەينەكتىكى گۈل سايىسى، سۇدىكى ئاي شولىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؛ ئەگەر قانچىلىك يىغىن ئېچىشنى خىزمەتنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلغاندا، ئۇنداقتا ھەقىقىي ئىش قىلىدىغان كادىرلارغا ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر خىل ناچار كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.

  «يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئىزچىللاشتۇرۇش تەك جاھىل كېسەلنى تۈپتىن تۈزەشتە، مۇھىمى مەسىلىنىڭ مەنبەسىدىن كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش كېرەك. «نەق مەيدانغا بارغىلى بولسىلا يىغىن مەيدانىغا بارماسلىق لازىم» − بۇ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى لياۋ جۈنبو ھايات ۋاقتىدا دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆز، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ ھەم نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر. ھېچكىم توختىماي يىغىن ئېچىشنى خالىمايدۇ، بەزى ماھىيەتلىك مەزمۇنى بولمىغان يىغىنلار سەۋەبلىك ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان پۇت-قوللىرىنىڭ چۈشەپ قويۇلۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ، لېكىن يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئالدىدا ئامالسىز قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يىغىن ئېچىشقا خۇمار بولۇپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ھوقۇق قارىشى بۇرمىلانغان، نەتىجە قارىشى خاتا بولۇپ قالغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئالمىشىپ قالغان. بۇ خىل خاتا ئىدىيەنى تۈزىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى جەھەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، خالىغانچە يىغىن ئېچىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىشقا تېگىشلىك يىغىننى ياخشى ئېچىپ، ئېچىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئېشىنچا يىغىنلارنى ئىخچاملاپ، ئۈنۈمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يىغىن دېڭىزى، ھۆججەت تېغى ئاستىدىن ئازاد قىلىش كېرەك.

  بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزى مەسىلىسى ئەمەلىيەتچىللىق ئىستىلى ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ. قىلىدىغاننى تىرىشىپ قىلىش، ئەمەلىيەتچىللىق بىلەن ئىلگىرىلەش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن «چېچىكى جىق، مېۋىسى يوق»، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؛ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ھەقىقىي ماھارەتنى تاۋلىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ