مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: پىتنە-پاساتلار كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدۇ، بۇنىڭغا قەتئىي تاقەت قىلماسلىق كېرەك

2020.06.18 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسىلى كۆرۈلۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە جەڭ سىگنالى بېرىلدى. شۇنداقلا، بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتماقتا. پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش بىلەن بولىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بەزى «پىتنە- پاساتلار ۋىرۇسى» ئىنتېرنېت تورى ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە يامراپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا يۈكسەك ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  مەسىلەن، 6- ئاينىڭ 16- كۈنى، بېيجىڭنىڭ توساتتىن يۈز بەرگەن ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە بولغان جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى ئىككىنچى دەرىجىگە تەڭشەلدى، ئارقىدىنلا خەۋەر تورلىرىدا «بېيجىڭدىكى نۇرغۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار قوش يۆنىلىش بويىچە تاقالدى.» دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ خىل ئۆسەك سۆزلەرگە يانداش قويۇلغان سۈرەتنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن سۈنئىي ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۈرەت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇنداق پىتنە-ئىغۋالار بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ ۋە ئەۋج ئېلىپ، ھەتتا «بېيجىڭنىڭ كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ» دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىشتىن، تاكى «بېيجىڭ مېتروسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇندۇقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىۋاتتى.» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرگىچە تەرەققى قىلىپ تارقالغان. بۇ خىلمۇخىل پىتنە-ئىغۋالار ھەدەپ تارقىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئالاقىدار خادىملارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، ئۇ خادىملار كېسەللىك بىلەن بەسلىشىپ، ۋاقىت بىلەن يۈگۈرگەندىن باشقا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ توردىكى ئۇنداق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ۋەزىپىلەر ئۇلارنىڭ قىممەتلىك زېھنىي كۈچىنى چاچتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىش بولسا، قانۇنغا پىسەنت قىلمىغانلىق بولۇپ، ئۇ نورمال ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.

  گەرچە پىتنە-ئىغۋالار «ئاقىلغا كار قىلماس» دېيىلىدىغان گەپ بولسىمۇ، لېكىن، توساتتىن يۈز بەرگەن زور ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسى ئالدىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە «بار دەپ ئىشىنىپ تۇرۇشقا بولىدۇ» دەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇ خىل پىسخىكا پىتنە-ئىغۋالارنىڭ ھەدەپ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇ پىتنە-ئىغۋالارنى بايقاش تەس ئەمەس، بەزىلىرى ئەھۋالنى چۈشەنمىگەنلىكتىن پەيدا بولغان ئاساسسىز پىتنە-ئىغۋالار؛ بەزىلىرى بولسا يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قىلىپ، مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلارنى نۆۋەتتىكى ئاممىۋى پىكىردە چوڭايتىۋەتكەنلىكتىن بولغان؛ يەنە نۇرغۇن يامان غەرەزلىك كىشىلەر يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقان. پىتنە-ئىغۋالار ھەممىلا يەردە تارقىلىپ يۈرسە، ئاممىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان توغرا قاراشنى شەكىللەندۈرۈشىگە پايدىسىز، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەشۋىشلىنىش پىسخىكىسىنى كەسكىنلەشتۇرىۋېتىدۇ، بەزى پىتنە-پاساتلار ھەتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، ئۇلار خەلقنىڭ جىسمانىي مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەمەلىي زىيان سالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇن-گۈرۈچنى سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ گۈرۈچ باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى توغرىسىدىكى ساختا خەۋەرلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ساۋاقلارنى ھەرگىز چوڭقۇر ئەمەس دېيىشكە بولمايدۇ.

  ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ئىشى يۇقۇمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاممىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا بولغان سەزگۈرلۈكى يۈكسەك دەرىجىدە بولىدۇ، ئۇچۇرغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش پاكىت ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، زىچ ھالدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېچىلىپ، يۇقۇمنىڭ ۋەزىيىتى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تۇردى، ھەمدە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ يۆتكىلىش مەنبە ئۇچۇرلىرى تەپسىلىي ئېلان قىلىنىپ تۇردى، ھەتتا بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشتەك ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولدى، سەھىيە تارماقلىرى، ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە مۇتەخەسسىس ئالىملارمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدا كۆڭۈل بۆلۈنگەن قىزىق نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇردى. دېمەك، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش سالمىقى چوڭ بولدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت «يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۈرلۈك پىتنە-پاساتلار»نىڭ «يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ھەقىقىيلىك»نىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە، پىتنە-ئىغۋالارنىڭ ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. پىتنە-ئىغۋالارنىڭ قايتا-قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۇ بولسىمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى ۋە بەدىلى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن بولغان. پىتنە-ئىغۋالار ئالدىدا، يەنە «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پىتنە-ئىغۋالارغا ۋاقتىدا رەددىيە بېرىش ۋە پىتنە-ئىغۋالارنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىتنە-ئىغۋالارنى ئۇنىڭ مەنبەسىدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يامان نىيەتتە پىتنە-ئىغۋالارنى تارقاتقانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش بولسا، قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. بۇنىڭدا سىياسەت سىگنالى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرگە قانۇننىڭ كۈچىنى سىناپ باقماسلىقنى نەسىھەت قىلغانلىقتۇر.

  تورنىڭ چېكى بولمايدۇ، ئەمما گەپ-سۆزلەرنىڭ چېكى بولىدۇ. ھەر بىر شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئىغۋا تارقاتماسلىق بولسا، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇش سۈپىتىدىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدۇر. يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، بىز مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر بەلكىم تېبىي خادىملاردەك بولالماسلىقىمىز، يەنى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن پىتنە-ئىغۋالارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىك ۋە پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق قاتارلىقلارنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز بولسا، بۇ بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قوشالايدىغان تۆھپىمىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ