لى كېچياڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېر لېيېن بىلەن بىرلىكتە 22-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم

2020.06.23 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېر لېيېن بىلەن بىرلىكتە 22-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇچرىشىش سىنلىق كۆرۈشۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى رىقابەتتىن كۆپ، ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن چوڭ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ سىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمكارلىق ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدۇ، ئىتتىپاق، گۈللەنگەن ياۋروپانى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە كەلگۈسى نۇقتىدىن، تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن قارىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ