مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2020.06.23 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى 22- چېسلا ۋىدىيو ئارقىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋاكالىتەن، ھەمدە ئۆز نامىمدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ھەمدە ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى قەدىمي يىپەك يولىدا دوستلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ ھەمراھلىشىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقارماقتا. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي دوستلۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ. قول تۇتۇشۇپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئىنسانلارنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر خەلقنى ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ئەلا بىلىش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە قولغا كەلتۈردى؛ باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. جۇڭگو كەڭ ئەرەب ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ