مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ھەققىدە شىنجاڭ خەلقى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

2020.06.22 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا پەرۋا قىلماي، ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، زورمۇزور قانۇنغا ئايلاندۇردى. بۇ ئىشقا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاتارلىقلار زىچ ئاۋاز قوشۇپ، قاتتىق ئەيىبلىدى.

  ئاياغنىڭ پۇتىغا ماس كەلگەن- كەلمىگەنلىكىنى ئۆزى كىيسە ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپ يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بارا-بارا قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىققا، يەرلىرى ئۈنۈمسىز ھالەتتىن ھوسۇللۇق بولۇشقا، قالاقلىقتىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىنى تۈگىتىش بىلەن بىرگە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قىممىتىنى تولۇق قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8تىن كۆپرەك ئېشىپ، جۇڭگودىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتتى؛ شىنجاڭدا نامراتلىشىش نىسبىتى ئۈچ يىل بۇرۇنقى %22 تىن %6.5 كە چۈشتى، بۇ يىل جۇڭگودىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىمۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى، مەسچىت 24 مىڭدىن ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 530 نەپەر مۇسۇلمان ئاممىنىڭ بىردىن مەسچىتى بار بولدى، بۇ نىسبەت نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ باقساقلا شۇنى بايقايمىزكى، بۈگۈنكى شىنجاڭدا مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، تۇرمۇش خاتىرجەم بولماقتا، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خەلق بۇنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ.

  ئۆزىنى «ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكا دائىم باشقىلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىدىن قۇسۇر چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقا دۆلەتلەرگە قول شىلتىپ، قارا چاپلاپ تۆھمەت قىلىپ، خەلقئارادا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى، پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ «ئىنسانىي ھوقۇق» نىقابى ئاستىدا يەنە بىر قېتىم ئىنسانىي ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشتەك رەزىل قىلمىشى، خالاس. ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، بۇرمىلانغان يالغان گەپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە سىياسىي ئاداۋەتلەر بىلەن تولغانلىقىنى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى بايقايمىز.

  كۆزى ئۆتكۈر ئادەملەرنىڭ ھەممىسى كۆرەلەيدۇ، ئامېرىكا ھەرگىزمۇ شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەلكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلىدۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەلكى ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسى ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەيدۇ. پاكىتنى بۇرمىلاشقا، «قوش ئۆلچەم» ئويۇنىنى ئويناشقا ھېرىسمەن ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاش سالاھىيىتى يوق.

  «ئىنسانىي ھوقۇق» نىقابى ئامېرىكىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ياپالمايدۇ. يامان نىيەتلەر يوشۇرۇنغان ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە قارىتا، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. خۇددى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدىكى كەسكىن باياناتىدا ئېيتقىنىدەك، ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» بىر پارچە كېرەكسىز قەغەز بولۇپ، ھەققانىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ