مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايلى

2020.06.22 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا ئاتالمىش «2020- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ھالبۇكى، پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، ھەرقانداق بوھتان چاپلاش ۋە يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر. جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەممىسىگە ئايان؛ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرى ھەمدە شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، ئىتتىپاق ۋە ئىناق ۋەزىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ۋە باشقا خەلقئارا قانۇن مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، جۈملىدىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە «زوراۋان ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار قانۇن سىستېمىسى بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى تىرىشىپ يىلتىزىدىن تۈگەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى.

  پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 65 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 80 ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ جەمئىي 737 مىڭ 600 ئائىلە ۋە 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئەمدى تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، تىنچ ۋە ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانماقتا.ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. شىنجاڭنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىگە. ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، مىللەتلەر باراۋەر-ئىتتىپاق، دىنلار ئېجىل-رايىش، تۇرمۇش تىنچ-پاراۋان، كىشىلەر ئىناق بولماقتا. مۇقىملىقنىڭ پايدىسى سىجىل رەۋىشتە قويۇپ بېرىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالماقتا. بۇ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، بىز ئۇنى ھەسسىلەپ ئاسرايمىز ۋە ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز، ھەمدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتقا پىسەنت قىلمىغانلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا پىسەنت قىلمىغانلىق، بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەمدە جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشتەك رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى. بۇ نۇقتىنى جۇڭگو خەلقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى ھەم ئۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

  ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان قىلچە تەپتارتماستىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم ئوينىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قورال قىلىۋالدى، ھالبۇكى ئۆزىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە سىستېمىلاشقان، كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان نۇرغۇن رەزىللىكلىرىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالدى ۋە پەرۋا قىلمىدى. بۈگۈنكى ئامېرىكىدا قوراللىق زوراۋانلىقلار، باي-نامراتلىققا بۆلۈنۈش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش قاتارلىق جاھىل كېسەللەرنى يوقىتىشى تەسكە چۈشۈپ، ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلماقتا. بىز ئامېرىكىنى ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ھەقىقىي تۈردە توغرا قاراپ، تەكشۈرۈپ كۆزىتىشكە ھەم تەدبىر قوللىنىپ ياخشىلاشقا، ھەمدە ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا كەلسە-كەلمەس قول تىقماسلىققا، كەلسە-كەلمەس بىلجىرلىماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  «ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق − بەختتۇر، بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق – ئاپەتتۇر.» بۇ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن قۇدرەتلىك ئورتاق تونۇش. جۇڭگو خەلقى ئالۋاستىدىن قورقمايدۇ، ياماندىن قورقمايدۇ. ھەر قانداق سىرتتىن كەلگەن بېسىم پەقەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشى، تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورىزمغا زەربە بېرىشى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تارىخ چاقى ئالدىدا، ھەرقانداق كۈچنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇقەررەر ھالدا خۇددى ياچىۋەكنىڭ ھارۋا توسقىنىغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ، يەنى ئۇ ئۆزىنى چاغلىمىغانلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ