مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەر بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ

2020.06.22 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق يەنىلا كىشىلەر قەلبىدە. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئامېرىكا تەرەپ يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلىرى بىلەن تولغان بىر پارچە «قانۇن لايىھەسى» بىلەنلا بۇرمىلىيالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىيالمايدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭ زادى «ناھايىتى ياخشى»مۇ، ياكى «ناھايىتى ناچار»مۇ؟ بۇنىڭدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئىككى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكمۇ تارتتى: بىرىنچىسى، شىنجاڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ ئىككىنچىسى، شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات ئاھاللىلەر قىرتاق شورلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ۋىدالاشتى، ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى چوڭ ئىش، چېتىلىدىغان ئاھالە كۆپ، قاپلايدىغان رايون كەڭ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ۋە ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ۋە ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا.ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ئۆتكەن بىر مەزگىل شىنجاڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان ۋە ئۈزۈلمەي يۈزبېرىدىغان قارا تۇمان ئىچىدە قالغان ئىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل رەۋىشتە مۇقىم بولۇشنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى. 2019- يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشتى؛ بارلىق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 103 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى؛ نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4تىن %1.2كە تۆۋەنلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئومۇمەن ئۆزى تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىغا كېلىپ ئايلىنىپ باققان ۋە كۆرۈپ باققان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دوستلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن تەسىرلەندى، ھەممىسى ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاق، ئىناق ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىللىق كۆرۈنۈشلەردىن ھاياجانلاندى، ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئىجابىي باھا بەردى. ھالبۇكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ھەممىلا يەردە قورال كۈچى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ يۈرگەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا رەزىللىككە تولغان تۇرۇقلۇق، شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى، ھەق-ناھەقنى ئايرىمىدى، بۇ، ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ۋە ئۇچىغا چىققان بەتبەشىرىلىكتۇر. پولاتتەك پاكىت ئالدىدا، بارلىق يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەر ۋە سۇيىقەستلەرنىڭ ھەممىسى بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ، ھەمدە تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  مۇشۇ پەيتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى پەقەت 76 بولدى، نۆۋەتتە، ئۇدا 120 نەچچە كۈنگىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل مىسالى كۆرۈلمەي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قاراپ باقساق، ھازىر ۋىرۇس 2 مىليون 260 مىڭ ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ۋە 120 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنى توسۇشقا قاراتماي، خەلقنى قوغداشنى ئويلىماي، ئەكسىچە پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن باش قاتۇرۇپ گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوخشاشلا چوڭ دۆلەت، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا كىمنىڭ ياخشى ۋە كىمنىڭ ناچارلىقىنى شۇ ھامان بىلگىلى بولىدۇ، كىمنىڭ توغرا ۋە كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.

  مەيلى قانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىمايلى، بىز ھامان تەۋرەنمەستىن زەبەردەس قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمىز. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن ۋە مۇقىم بولىۋاتقان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى قانچە خالىمىغانسېرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن بۇ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى شۇنچە ياخشى قوغدايدۇ ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يەنىلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدۇ، بىز ھەربىرىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولىمىز. لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، ئويمان-دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئاچىمىز. بىز قول تۇتۇشۇپ ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ