مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

22- قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ

رەئىس شى جىنپىڭ سىن شەكلى ئارقىلىق ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ

زۇڭلى لى كېچياڭ سىن شەكلى ئارقىلىق ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

2020.06.22 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 6- ئاينىڭ 19- كۈنى مۇنداق دېدى: 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 22- قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بولسا، جۇڭگو تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىشى بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى، ھەمدە «كېيىنكى يۇقۇم» دەۋرىدىكى جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.جاۋ لىجيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سىن شەكلى ئارقىلىق ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ سىن شەكلى ئارقىلىق مىچېل ۋە ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بولسا، جۇڭگو تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىشىدۇر. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، «كېيىنكى يۇقۇم» دەۋرىدىكى جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا جۇڭگو − ياۋروپا تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ