مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى قاچان «ئاغرىپ» قالمايدۇ؟

2020.06.23 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاغرىپ قالدى، بۇ سائەتلىك دەرس ماتېماتىكىغا ئۆزگەرتىلدى!» دېگەن بۇ سۆز نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، توردىكى بىر جۈملە مەسخىرە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلىقتا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئەسلىمىلەردۇر. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسلىرى دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋالنى «سۆزىمىزدە مۇھىم دەيمىز، ئەمەلىيەتتە مۇھىم بىلمەيمىز، ۋاقتى كەلسە قىلمايمىز» دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچانلىدى.

  تەنتەربىيە دەرسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئۆرلەپ ئوقۇش قوماندانلىق تايىقى ئاستىدىكى ئامالسىزلىقتۇر. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئاممىۋى پىكىر سورۇنىدا «تەنتەربىيە چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش مۇراجەتنامىلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشتىن باشقا، ئامما، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت يەنە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

  ئاۋۋال بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ باقايلى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق كېڭىشىپ تەكلىپ بېجىرىش مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىدا، بىر گۇرۇپپا تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرى ئاشكارىلاندى: ھازىر شاڭخەيدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ نەپەر، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى 10 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى تەخمىنەن 1:130 بولغان، تەنتەربىيە دەرسى ئىسلاھاتى تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا %20 كەم بولماقتا. بالىلار باغچىلىرىدا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، %95 يەسلىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى يوق بولماقتا. ئىلگىرى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاراتقۇلارغا دېيىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئىمتىھان بېرىشتە ئاسپىرانت بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى ھەم يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ھەم تەنتەربىيە ماھارىتى ياخشى كىشىلەر ئىنتايىن ئاز، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى، ئاسپىرانت ۋە ئىنگلىز تىلى 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك، بۇ، ماھارەت مەشىقىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان تەنتەربىيە ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن قىيىن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر يىلى تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈزلۈكسىز جەمئىيەتكە قەدەم قويماقتا، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى سەپتىن چېكىنگەن نۇرغۇن تەنھەرىكەتچى تەنتەربىيە ئوقۇتۇش سالاھىيىتىگە ئىگە كەسپىي زاپاس كۈچ بولۇپ قالماقتا. بىراق، يەرلىك نوپۇس، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، تەمىناتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئەنسىرەش تۈپەيلىدىن، بۇ مول ھەم قىممەتلىك تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سىرتىدا قالماقتا.

  تەكلىپ قىلىش تەلىپىنى ئۆستۈرۈش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، بۇ لوگىكىدا مەسىلە يوقتەك قىلىدۇ، لېكىن، ئىش ئورنى تەلىپى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال ماس كەلمىسە ياكى كەسىپ تەمىنلىيەلەيدىغان تەمىنات ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا ماس كەلمىسە، ئەسلىدە ياخشى نىيەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بەلكىم ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىگە تۈزۈم خاراكتېرلىك توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىر تەرەپتە ئىختىساسلىقلار زاپىسى بار، يەنە بىر تەرەپ ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ، تەسەۋۋۇر ناھايىتى گۈزەل، رېئاللىق ناھايىتى ئاچچىق: مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ توغرا كەلمەسلىكى سەۋەبلىك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلار يالغۇز تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىلا ئەمەس.

  مەسىلەن، ئاممىۋى سەھىيە قوشۇنى، مەھەللە دوختۇرلىرى قوشۇنى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قاتارلىقلارمۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە «خادىم كۆپەيتىش قىيىن بولۇش، بار خادىملار ئېقىپ كېتىش» مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئارقىسىدا قۇبۇل قىلىش شەرتى يۇقىرى، تەمىناتى ناچار، كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئورتاق سەۋەبلەر بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا «ھوقۇق بېرىش، چەكلىمىنى بوشىتىش» تەكىتلەندى، نۇرغۇن ئۇللۇق ئىختىساس ئىگىلىرىگىمۇ «چەكلىمىنى بوشىتىش» مەسىلىسى بار. ئالدى بىلەن «كېمەيتىش ئۇسۇلى»نى قوللىنىش لازىم، ئالاقىدار تارماقلار ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى تۈزگەندە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، تېخىمۇ ئەمەلىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، ھەتتا ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر بولمىغان ئىجازەت شەرتلىرىنى ئازايتىپ، نامۇۋاپىق تەكلىپ قىلىش تەلىپىنى بىكار قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «قوشۇش ئۇسۇلى»نى ئىشلەش كېرەك. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، ئۇل خاراكتېرلىك، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدىغان خىزمەتلەر تېخىمۇ مۇھىم، شۇڭا ئۇلارنىڭ تەمىنات كاپالەت سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك، ئۇلارنىڭ كەسىپتە ئۆرلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئىختىساسلىقلارنى قۇبۇل قىلىش يولى تار بولغان ئىش ئورۇنلىرىغا قارىتا جانلىق سىياسەت قوللىنىپ، تەكلىپ قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىجتىمائىي ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارغا بولغان ئىجازەت بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  جەمئىيەت قاتلىمىدا، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش پەقەت ئاغزاكى مۇراجىئەت قىلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماسلىقى، بەلكى ئاز-تولا ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ ئوچۇق، مۇلايىم بولغان كەسپىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلە باشلىقلىرى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ كۆپرەك ھۆرمەتلىشى، مەھەللە ئاھالىلىرى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ناتوغرا قاراشنى يوقىتىپ، بۇ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى ھەقىقىي تۈردە «مۇھىم» ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشى، ئۇلارغا ھەقىقىي كەسپىي ھۆرمەت تۇيغۇسى بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ