مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېتىقاد بايرىقى ئاستىغا توپلىنايلى

2020.06.29 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يەنە بىر 7-ئاي يېتىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  99 يىل − بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپە، 99 يىل − توختاۋسىز كۈرەش قىلغان يىل. ۋاقىت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە بەلگە سالماقتا، شۇنداقلا سانسىزلىغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھارماي-تالماي ئېتىقادقا ئىنتىلىش جەريانىنى خاتىرىلىمەكتە.

  بۇ ئېتىقاد كوممۇنىستلارنىڭ ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىشتىكى مەنىۋى تۈۋرۈكى. ئېتىقاد − قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىنتىلىش ۋە چىڭ تۇرۇشتۇر، ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدىغان ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى كۈچتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېتىقاد مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى. دەل ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا بولغان ئىشەنچ سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلارنى تىز پۈكمەي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، ئاددىي ئادەملەرنىڭ جىسمىنى جاپا-مۇشەققەتتىن ھالقىغان كۈچكە ئىگە قىلدى، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلدى. مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى دەۋر ئۈچۈن ئاتا قىلغان تارىخىي بۇرچ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ۋايسىماي تىرىشىپ، پۇشايمانسىز كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ ۋارىسلىق قىلىپ، كۈچ ئۇلاپ، تۆھپە قوشماقتا. ئۇلار ئىسسىق قېنى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا رەڭ بېرىپ، ھاياتى بىلەن ئۆز ئېتىقادىنى قوغداپ كەلدى ھەمدە مۇشۇنداق ئېتىقادتىن نىشانغا ئېرىشىپ، مۇشۇنداق ئېتىقادتىن كۈچكە ئېرىشىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن شانلىق مەنزىلگە يېتەكلىدى.

  2020-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى. بۇ بىر يىلدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى زىممىمىزگە ئالدۇق؛ بۇ بىر يىل، بىز تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ۋە سىنىقىغا ئۇچرىدۇق. جۇڭگو ناملىق پاراخوتنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ قالمىدى، قىيىنچىلىق ئالدىدا يىقىلىپ قالمىدى. يۇقۇمغا زەربە بېرىش بىرىنچى سېپىدە، پارتىيە ئەزالىرى تۇرغان ئورۇن دەل خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى ئەڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى بولدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە، پارتىيە بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان جاي دەل يېڭىلمەس، زەپەردەست قەيسەر كۈچ توپلانغان جاي بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرساق، ھەرقانداق جەڭدە غەلىبە قىلماي قالمايمىز.

  بۇ ئېتىقاد بوران-چاپقۇنلارمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ كەلمەكتە. ھەر بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى يېتەكچىلىكى بولىدۇ. 100 يىللىق تارىخقا نەزەر سالساق، دەل ماركسىزملىق ئېتىقادنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېپيېڭى تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. 99 يىلدىن بۇيان، پەقەت نەچچە ئون پارتىيە ئەزاسىدىن 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بولغانغا قەدەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى؛ 99 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كوممۇنىستلار ئېتىقاد بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، مىللەتنىڭ گەۋدىسىنى رۇسلاپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك سەھىپە ياراتتى. تارىخنىڭ سائەت ئىسترېلكىسى 21-ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىغا توغرىلانغاندا، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىمىز. ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتساقلا، كەلگۈسى يولدا بىز چوقۇم تەڭداشسىز بولىمىز.

  يىللار ئەسلىي مەقسەتكە گۇۋاھ بولماقتا. بۈگۈن، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بۇ دۆلەت ۋە بۇ زېمىندىكى خەلق ئېتىقادنىڭ نۇرى ۋە كۈچىگە تېخىمۇ موھتاج. بۇ مىڭلىغان يەلكەنلەر بەس- بەستە ئىلگىرىلەۋاتقان، يۈزلىگەن كېمىلەر ئېقىن تالىشىۋاتقان دەۋردە، بىز ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ناملىق چوڭ پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ