مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىزنى ھەرگىزمۇ «يوشۇرۇن بۇلۇڭ»غا تاشلاپ قويماڭ

2020.06.30 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى پىڭجياڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىر ۋەقە ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، پىڭجياڭ ناھىيىسىدىكى بىر ئەر كىشى قوشنىسىنىڭ تۆت ياشلىق بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا بىخەستەلىك قىلغانلىقتىن، ئۇ بالا ئاپتوموبىل ئىچىگە نەچچە سائەت سولىنىپ قېلىپ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن.

  يەنە بىر ۋەقەدىمۇ «بالىنى ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ئۇ بالىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىغا زامىن بولغان» بولۇپ، ئۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ! بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ساۋاقلار ئەسكەرتىلدى ۋە قائىدىلەر تەكرار-تەكرار تەكىتلەندى. ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق يېپىق بوشلۇقتا ۋە نەچچە سائەتلىك جان تالىشىپ ئازابلىنىشتىن كېيىن، بالىلار بىر-بىرلەپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندا، ئادەمدە يۈرەكنى ئېغىر تاش بېسىۋالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر كىشىلەر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا ئەستايىدىل بولغان بولسىدى، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىغاندا كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويغان بولسىدى، بىخەتەرلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولسىدى، بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر تەكرار يۈز بەرمەس بولغىيدى.

  ھازىر پىڭجياڭ ناھىيىسىدىكى بۇ ئەر سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. ئەمما ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بېرىپ بولدى، ئەمدى ھەر قانچە پۇشايمان قىلغان بىلەن، ھەم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگەن بىلەن، بالىنىڭ ھاياتىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. بىز ئەمدى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن قانداق ساقلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، ئائىلە باشلىقلىرى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك تارىسىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان ۋە تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە جەمئىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىخەتەرلىك تورىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قۇرۇپ، بالىلارنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قوغدىشى ئاستىدا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى «يوشۇرۇن بۇلۇڭ»لارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ