مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى نامۇۋاپىق ھالدا چەكلەش»تەك خاتا تەدبىرنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك

2020.06.28 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ دائىملاشقان باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتىكى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش دېگەنلىك خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى چەكلەش دېگەنلىك ئەمەس، ئۇ ھەم نورمال ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، بىز ھەم ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پوزىتسىيەسىگە موھتاج، ھەم شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ «ئۆلچىمى»گە تېخىمۇ موھتاج. لېكىن، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك خاتا ئۇسۇل ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشكە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمىنىڭ ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى يېقىندا «ساغلاملىق باشقۇرۇشنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ھەمدە جايلاردىن يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئىلمىي يوسۇندا ئايرىشنى تەلەپ قىلدى، ھەم شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئەڭ كىچىك بۆلەككىچە (مەسىلەن، بىنا، كېسەل رايونى، ئولتۇراق رايون، كەنت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلارغىچە) توغرا ئايرىپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ساغلاملىقنى كۆزىتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك. دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنىڭ سىرتىدا يەنە باشقا نامۇۋاپىق ھالدىكى چەكلەش تەلەپلىرى ئىشقا سېلىنغان بولسا، ئۇ خىل خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىش كېرەك، يامان تەسىر پەيدا قىلغان تىپىك دېلو مىساللىرىغا قارىتا، قانۇن بويىچە قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارىلاش كېرەك.

  يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان مەزگىلدە مىسلىسىز دەرىجىدە قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتىدا بولسا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونىنى ئەڭ كىچىك بۆلەككىچە توغرا ئايرىش، خادىملارنىڭ مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر بولغان يۆتكىلىشىگە چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. يۇقىرىقى «ئۇقتۇرۇش»تا مەخسۇس مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدىن سىرت قوللىنىلىپ خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىگە نامۇۋاپىق ھالدا چەك قويىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى دەرھال تۈزىتىش كېرەك. چەكلەش تەدبىرى قارا-قويۇق بولماستىن، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى چوقۇم كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. دېمەك، بۇ بۇيرۇق دەل ۋاقتىدا كەلدى.

  مەركىزىي رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى جۇڭگو ئاۋازى «خەۋەرلەر» بۆلۈكىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن رايونلار بۇ ئەڭ يېڭى تەلەپنى تېخى ئىجرا قىلمىغان بولۇپ، يەنىلا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك خاتا تەدبىر ئارقىلىق خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى نامۇۋاپىق ھالدا چەكلەشتەك خاتا تەدبىر قوللىنىلماقتا ئىكەن. سىچۈەن چىڭدۇدىكى مەلۇم مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر بېيجىڭ كىملىكى بار ياكى يېقىندا بېيجىڭدا تۇرۇش تارىخى بار ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى مەنزىرە رايونىغا كىرەلمەيدۇ. شەندۇڭ لىنيىدىكى مەلۇم مېھمانساراي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا بېيجىڭدا تۇرۇش تارىخى بار مېھمانلارنى كۈتۈۋالمايمىز، بېيجىڭ نوپۇسىدىكى مېھمانلارنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا تۇرۇش تارىخى بولمىسىمۇ، تۇرۇشلۇق جايدىكى 14 كۈنلۈك مۇساپە ئىسپاتى چىقىرىپ ئاندىن تۇرۇش كېرەك. جياڭسۇ، خېنەن، گۇاڭشى، جياڭشى قاتارلىق جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى ۋە مېھمانسارايلاردىمۇ سىرتتىن كەلگەنلەرگە قارىتىلغان نامۇۋاپىق چەكلەش تەدبىرلىرى مەۋجۇت.

  مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق باسقۇچقا كىردى، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائال ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گەرچە يېقىندا بېيجىڭ شىنفادى توپ تارقىتىش بازىرىدا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندەك، يەنە بەزى جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىمۇ يۇقۇم ئەھۋالىدا ئازدۇر-كۆپتۇر داۋالغۇش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە يەنىلا ئەستايىدىل قاراپ، چوقۇم مەركەز ۋە جايلارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدىن باشقا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا نامۇۋاپىق بولغان چەكلەش تەلىپىنى قوشۇمچە قىلىش، جۈملىدىن خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە نامۇۋاپىق ھالدا چەكلەشتەك تەدبىرنى قوللىنىش قاتارلىقلارغا يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرىقى «ئۇقتۇرۇش»تا بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇنۇلار تەكىتلەندى: شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يامان تەسىر پەيدا قىلغان تىپىك دېلو مىساللىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ، جايلارنىڭ سالامەتلىك ئىشلىرىنى توغرا باشقۇرۇشى، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بەزى جايلار «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ياكى قاتلاممۇ قاتلام باھا قوشۇش، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى نامۇۋاپىق ھالدا چەكلەشتەك تەدبىرلەرنى قوللاندى، بەزىلىرى ئوخشاش بىر شەھەردە، ئوخشاش بىر خىل ئەھۋالغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىپ، ئادەملەرنى نېمە قىلارىنى بىلەلمەيدىغان قىلىپ قويدى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بەزىلىرى بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سىياسەت ۋە يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقتىدا چۈشۈرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان؛ يەنە بەزىلىرى بولسا، ئاساسىي قاتلام تارماقلىرى ئۆزىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئادەت خاراكتېرلىك چەكلەش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سالمىقىنى خالىغانچە ئاشۇرۇپ، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇلارنى "خاتا" دەپ قارىمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بولسۇن، بۇ چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەر دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ھەمدە دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىرىنسىپى ۋە بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئۇ خاتا تەدبىرلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھەم شۇنداقلا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە گەۋدىلىك رەۋىشتە توسالغۇ بولىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ دائىملاشقان باسقۇچقا كىرگەنلىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. لېكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىشى دائىملاشقان باسقۇچقا كىرگەن بۇ مەزگىلدە، ئۇنى چوقۇم ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم يەنىلا قورقۇپ تۈگۈلىۋالىدىغان بولماسلىق كېرەك. جايلار ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت ئورۇنلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سىرتتىن كەلگەنلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ قاتماللىق قىلىپ ئىلگىرىكى كونا قائىدىگە چىڭ ئېسىلىۋالماسلىق، ئۇلارغا باشقىچە قاراشتا بولماسلىق كېرەك، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە دەل جايىدا ساغلاملىق باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى تېگىشلىك جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ