مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

كەلكۈن گىئولوگىيەلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2020.06.29 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەردى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئاساسلىق تاشقىن مەزگىلىگە كىردى، بىر قىسىم جايلاردىكى تاشقىن ئەھۋالى كەسكىن بولماقتا، يېقىنقى مەزگىلدە تەيفېڭ بورىنى كۆپ چىقىش پەسلىگە كىرىدۇ. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق تارماقلار بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئە تەييارلىقى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقىن ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، خېيىم-خەتەر، يوشۇرۇن خەتەرلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ