خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- ئىيۇن تانېش ماماۋغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇدا كىرىباتى زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت 2019- يىلى 9- ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ يىل 1- ئايدا، زۇڭتۇڭ ماماۋ جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىز مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرىشىدە، ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماماۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ