خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5- ئايدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان مۈشۈكئېيىق «ۋۇۋېن» شادىمان ھالدا قۇتلۇق بالىغا ئېرىشتى. يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر ۋە ئۇنىڭ خانىشى ماكسىما بىلەن بۇ ھەقتە تەبرىك خېتى ئەۋەتىشتى.
شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈشۈكئېيىق بالىسى جۇڭگو-گوللاندىيە دوستلۇقىنىڭ گۈزەل جەۋھىرى، ئىككى تەرەپنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم نەتىجىدۇر، تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان دوستانە قىزىق داستاننى يېزىپ چىقتى. جۇڭگو جەزمەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ، ھەمدە خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىككى تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.
ۋىليام ئالېكساندىر ۋە ئۇنىڭ خانىشى ماكسىما تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۈشۈكئېيىق بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىزنى خۇشال قىلدى، بۇ يېڭى ھاياتلىق گوللاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مول نەتىجىلىرىنىڭ سىمۋولى بولدى، ھەم شۇنداقلا يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇلدى. گوللاندىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىدىكى ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بۇ يەر شارى كرىزىسىنى يەڭگىلى بولىدۇ. گوللاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى پۇختا، گوللاندىيەمۇ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ نورمال ئالاقىسىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ