مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس زىيارەت: ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش غەرىزى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

− نىگېرىيە ئابۇجا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى غالىنى زىيارەت

2020.06.24 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نىگېرىيە ئابۇجا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى شېرىف غالى يېقىندا ئابۇجادا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭ ھەقىقىي غەرىزى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش»، دېدى.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «2020- يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقىغا قارىتا، غالى مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، يەر شارى بويىچە تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى، ئامېرىكا يەر شارىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىماقچى بولدى.

  غالى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ يىللاردا ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھەممىگە ئايان، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش، كۈچ كۆرسىتىشىمۇ ئۇنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ھېسابلاشماي، بەلكى تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرىگە قارىتا ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلىدى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىق».

  غالى مۇنداق بىلدۈردى: تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك − ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش، شەخسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ماھارەت ئىگىلەتتى، بۇ خىل ئۇسۇل نىگېرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ تەھدىتى، ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  ئىلگىرى جۇڭگودا تۆت يىل ئوقۇغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن غالىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ جۇڭگودىكى مەزگىلدە تولۇق دىنىي ئەركىنلىكنى ھېس قىلغان، ئۇ ئەينى يىلى ئوقۇغان مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا بىر مەسچىت بولۇپ، ئۇ دىنىي پائالىيەتلەرگە ئەركىن قاتناشقان.

  غالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار، شىنجاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر، جۇڭگو چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويمايدۇ. جۇڭگو زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا ئوچۇق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان پوزىتسىيەدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى ئىجابىي ئۇسۇللىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشى ۋە ئۆگىنىشىگە تامامەن ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

  غالى مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلەشنى سىياسىي دەسمايىگە ئېرىشىشتىكى بىر خىل سايلام رىقابىتى تاكتىكىسى قىلىۋېلىشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ توسۇيالمايدۇ. «خۇددى جۇڭگو رەھبىرى ئېيتقاندەك، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر كىچىك كۆلچەك بولماستىن، بەلكى بىپايان دېڭىزدۇر. بوران-چاپقۇن كىچىك كۆلچەكنى تاشتۇرۇۋېتەلەيدۇ، بىراق دېڭىزنى تاشتۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاسانلىقچە تاشقى دۇنيانىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ