مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش لازىم

خەن جېڭ قاتناشتى

2020.06.29 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى نۆۋەتتىكى تاشقى سودا ۋەزىيىتى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەردى. گېلەنشى، شەرق خەلقئارا شىركىتى، دۇڭرۇەن گۇرۇھى، خاۋشىدا، جىيۈ ئۇچۇرى، جيايىجىيوۋ قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سىن ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي جاھازلىرى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، موتسىكلىت قاتارلىق ساھەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىمپورت- ئېكسپورت ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كارخانىلارنىڭ زاكاز تالونى، ئادەم ئىشلىتىش، مەبلەغ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى بازار ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان تەكلىپىنى سورىدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلاردىن كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلە ۋە تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قاتار قاراتمىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا تاشقى سودا بىرئاز مۇقىملاشتى. نۆۋەتتە يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن دۇنيادا تارقىلىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر چېكىندى، ئېلىمىز ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە تاشقى سودا مۇھىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولىدۇ، بۇنى تولۇق مۆلچەرلەش ۋە تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرەك بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ