مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.06.30 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سايلام خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى − خەلق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىش ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشى بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نى تۈزۈش __ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى-ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش- تەربىيەلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىق كۈچىدىن ئىبارەت بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى خەلق ئارمىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى غەلىبە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى پاكلاپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيە پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇجى قوشۇنى ۋە بەنزە ئەزالىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەھبەر ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نىزامى»نىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشى، ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ