مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دەۋر ئېقىنىدا كۈرەش قىلايلى

2020.06.30 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولغاچقا، يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە ئۇلۇغۋار مۇساپىدە شانلىق قۇدرەت تاپتى؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى ئۈچۈن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  99 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىپ، قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، تاغنى تالقان قىلىدىغان ھەيۋەتلىك داستانلارنى پۈتۈپ چىقتى. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، مىليونلىغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. پارتىيە بايرىقى ئاستىدا، تېخىمۇ كۆپ يېڭى پارتىيە ئەزالىرى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، پارتىيە قوشۇنىغا ياش كۈچ قوشتى. يۈز يىلنى بېسىپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغان ماركسىزملىق پارتىيە باشتىن-ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، دەۋر دولقۇنىدا كۈرەش قىلماقتا.

  ئېتىقاد نۇرى كۈرەش يولىدا چاقناپ تۇرىدۇ. «ئىرادە تىكلەنمىسە، جاھاندا ھىچ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ». ماركسىزم − پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، پارتىيە ۋە خەلق ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مەنبەسى. مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا بولسۇن، پارتىيەمىز ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدى. مۇشۇ ئېتىقاد ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۈلگىلەر، نەمۇنىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى كۈچنى يېتىلدۈرۈپ، روھنى تاۋلاپ كالتسىي تولۇقلىسا، غايە، ئېتىقادنىڭ ئۇل تېشىنى يەنىمۇ چىڭىتالايدۇ.

  ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ كۈرەش يولىدا مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسى خەلقتە، پارتىيەنىڭ كۈچى خەلقتە. جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە ۋە بۇرچ − كوممۇنىستلارنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلارچە كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. مەيلى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ئاساسىدىكى يەر تۈزۈمىنى بىكار قىلىش بولسۇن ياكى 2600 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولسۇن؛ مەيلى خەلق غوجايىن بولىدىغان سىياسىي تۈزۈمنى ئورنىتىش بولسۇن، ياكى پۈتۈن كۈچى بىلەن 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنى بىرنى قالدۇرماي ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرىش بولسۇن، كۈرەش قىلىش يولىدا ئەسلىي مەقسەت ھەرۋاقىت ئېسىمىزدە، بۇرچىمىز ھەرۋاقىت زىممىمىزدە، چۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى، ئۇ سادىقلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم» دېگەننى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش − ھەربىر كومپارتىيە ئەزاسىنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى شان-شەرىپىنى يېزىشقا چاقىرماقتا.

  دەۋر ئېقىمى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، كۈرەش مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. 99 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. تېخىمۇ شەرەپلىك بۇرچ، تېخىمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە، تېخىمۇ كەسكىن خىرىس، تېخىمۇ ئۇلۇغ خىزمەت ئالدىدا، پەقەت ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى كۈچلەندۈرۈپ، بۇرچ ئارقىلىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئىلھاملاندۇرغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يەڭگىلى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن جۇڭخۇا چوڭ پاراخوتىنى داۋاملىق دولقۇن يېرىپ، يەلكەننى كۆتۈرۈپ يىراققا سەپەر قىلدۇرغىلى، غەلىبىلىك ھالدا تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ ھەيدىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ