مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

2020.07.01 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، نىشان يېتەكچىلىكى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈشكە، ھەم ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىزدىنىشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈكى ۋە تايانچ كۈچى. بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، دۆلەت كارخانىلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، جىددىي ئەھۋالدا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش ياردىمى بېرىش، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم باسقۇچ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەمتۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تىزگىنلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ