مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

99 ياشلىق بۇ «ياش» پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى قەيەردىن كەلدى؟

2020.07.03 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە ماركسىزملىق پارتىيە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

  99 ياشلىق بۇ ياش پارتىيە 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتەك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرىنى ياراتتى، بۈگۈنكى كۈندە قۇدرەت تېپىش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەمدە باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ قەيەردىن كەلدى؟

  پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ. 2018-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب بەردى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش» توغرىسىدا 21- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك تەشكىلىي سىستېمىسىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇزۇندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقانداق مۇھىم خىزمەتنى ئىشلىگەندە، ھەمىشە ئالدى بىلەن تەشكىلنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتى، يەرلىك تەشكىلاتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەھكەم تەشكىلىي سىستېمىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ مېڭە ۋە مەركىزىي ئورۇن بولۇپ، ئەڭ ھۆرمەتلىنىدىغان، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان نوپۇزغا ئىگە. پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلىش، چەكلەنگەننى توختىتىش. پارتگۇرۇپپا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئېڭى ۋە تەشكىلىي قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە جەھەتتە تەشكىلنى تونۇش، سىياسىي جەھەتتە تەشكىلگە تايىنىش، خىزمەتتە تەشكىلگە بويسۇنۇش، ھېسسىيات جەھەتتە تەشكىلگە ئىشىنىش كېرەك. مۇستەھكەم، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق پارتىيە ئىگە بولمىغان كۈچلۈك ئەۋزەللىكتۇر.

  پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى، بىر ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. ھازىر بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىز پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنى ۋە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۇزۇن يىللىق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشتا، 100 يىل پەقەت ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، يەنە تېخىمۇ چوڭ بۇرچ پارتىيەمىزنىڭ ئورۇنلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ غەلىبىلەر پارتىيەمىزنىڭ قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈتمەكتە. مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىساقلا، بۇ 99 ياشلىق پارتىيە چوقۇم ئۇلۇغ مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر قۇدرەتلىك كۈچنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ