مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇزۇن يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلار ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇرىدۇ

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقىدا

2020.07.02 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ تۈپ كاپالەت يەنىلا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەزاسى 91 مىليون 914 مىڭغا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 4 مىليون 681 مىڭغا يەتكەن. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەچچە ئون پارتىيە ئەزاسى بار كىچىك پارتىيەدىن 90 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇشقىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلالايدۇ؟

  دەرەخنىڭ مىڭ گەز ئېگىزلىكتە ئۆسۈشى مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقانلىقتىن. خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىش دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ سىرى. پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا «خەلق» دېگەن سۆزنى ئۆز بايرىقىغا چوڭقۇر ئويدى. ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، خەلق ئۈچۈن ياشاش، خەلق بىلەن گۈللىنىش، پارتىيە بىلەن خەلق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش − پارتىيەنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مەڭگۈلۈك تېما.

  كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى − ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ − ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، دېگەن ئىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇردى ۋە ئۇنى جازالىدى، «تۆت ئىستىل»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم تەدبىرلەردە «پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە ئويلاش، بىللە ئىشلەش»تىن ئىبارەت بىر روشەن ئاساسىي لىنىيە سىڭدۈرۈلگەن.

  پۇقرالارنىڭ قەلبىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش − پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلسىلا، ھەرۋاقىت غەلىبە قازىنالايدۇ، جۇڭگو ناملىق چوڭ پاراخوتنى يېتەكلەپ دولقۇن يېرىپ، يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

  مەڭگۈلۈك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلىغاندا، 100 يىل دەل ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىل.

  مىليونلىغان خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندا، كۈرەش قىلىش ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇرىدۇ.

  − ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بەخت تىلەيمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ