مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فۇدەن داشۆدىكى ياش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى رىغبەتلەندۈردى

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك

2020.07.02 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى غايە - ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىل ئىلگىرى، يولداش چېن ۋاڭداۋ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىلىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ، زور تۈركۈم ئىرادىلىك كىشىلەرنى كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، مىللىي ئازادلىق، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر سىلەرنىڭ پېشقەدەم مەكتەپ مۇدىرى يولداش چېن ۋاڭداۋنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش ھېكايىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تارقىتىشىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشۇڭلارنى، تېخىمۇ ياخشى قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەلبتە ئىشەنچ بولغاندا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، بىز غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، قەتئىي ئىرادە باغلاپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ