شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.06.11 08:34 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ چىڭخەي سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

  6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنجۈن، ئۆلكە باشلىقى شىن چاڭشىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنىڭ شەھىرى، خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، كارخانا، مەھەللە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، يېزا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  6- ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شىنىڭ شەھىرى چېڭجۇڭ رايونىدىكى چىڭخەي شېڭيۈەن گىلەمچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شى جىنپىڭ خام ماتېرىيال، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان جيايا زاڭزۇ گىلىمىنى قولدا توقۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. كارخانىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، لايىھەلەش تارمىقىدا، شى جىنپىڭ مەھسۇلاتنىڭ سۈركىلىشكە چىدامچانلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەش سىنىقى، مەھسۇلاتنىڭ لايىھە نۇسخىسىنى تەپسىلىي كۆردى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرى ۋە كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئەڭ خاسلىققا ئىگە كەسىپلەرنى، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كارخانىلارنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشكە، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىڭخەي خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، شۇنداقلا چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان سىياسەت مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت بىلەن زامانىۋى تېخنىكىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شىنىڭ شەھىرى چېڭشى رايونىنىڭ ۋېنخۇي يولى كوچا باشقارمىسى ۋېنتىڭشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىۋاتقان ئامما بىلەن پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەھەللىنىڭ ھۆسنخەت - رەسىم ئۆيى، بەخت ئاشخانىسى، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى، ئۇسسۇل ئۆيى، ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھۆسنخەت - رەسىم مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ناخشا - مۇزىكا رېپېتىتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، مەھەللىنىڭ ياشانغانلارنى يېمەك - ئىچمەك، ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەرستىن كېيىنكى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىدى. مەھەللە مەيدانىدا، شى جىنپىڭ چۆرىدەپ كەلگەن ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئىستىھكام قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قول تۇتۇشۇش، قەلبداش بولۇشتەك ياخشى ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىدىغان ئىناق يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش كېرەك. مەھەللە ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدا، ئاچقۇچ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورغاننى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەھەللە خىزمىتىنى جايىدا ئىشلەپ، ئائىلىلەرگىچە ئىشلەپ، پۇقرالار غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ياخشى قىلىش داۋامىدا ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شى جىنپىڭ خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گاڭچا ناھىيەسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن چىڭخەي كۆلىدىكى شيەننۈۋەنگە كېلىپ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ چىليەنشەن رايونى ۋە چىڭخەي كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئارقىدىن ياغاچ ئاسما يولدا پىيادە مېڭىپ كۆزدىن كەچۈردى. كۆل يۈزى كەڭ، سۈيى سۈزۈك بولۇپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخەي كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مۇھىتىنى تۈزەشتە ئېرىشكەن نەتىجە - ئۈنۈم تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىق مەنبەيىمىز ۋە بايلىقىمىز. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ دەريا مەنبەسى قاتارلىق دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، دۆلەت باغچىلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى ئاساس قىلغان، تۈرلۈك تەبىئىي باغچىلارنى تولۇقلىما قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، تەبىئىي بايلىقلارنى ياخشى ئاسراپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شاليۇخې بازىرى گولوزاڭگۇڭما كەنتى چارۋىچىلار مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭى كەنت بولۇپ، 2017 - يىلى قوي - كالا باقمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرگە تايىنىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شى جىنپىڭ بۇ جايغا كەلدى، زاڭزۇ چارۋىچى سونەن سەيراڭ ئائىلىسىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەننى باشلاپ كېلىپ قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىنى ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەم خاداك سوۋغا قىلدى. شى جىنپىڭ ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. سونەن سەيراڭ ھاياجانلانغان ھالدا: چارۋىچىلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى پۈتۈنلەي پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولدى، كوممۇنىستىك پارتىيەگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، باش شۇجىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، دېدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئاسانغا توختىمىدى، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇشى ئاسانغا توختىمىدى. پۇقرالارنىڭ چىن كۆڭلىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ھىمايە قىلىشى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىدىن، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بەختىنى كۆزلىگەنلىكىدىن بولدى.

  سونەن سەيراڭنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغاندا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىنلىق بىلەن يول بويىغا كېلىپ، تەنتەنە قىلغان ھالدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم. بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا جۇڭخۇا مىللىتى چوقۇم تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى گۈللىرى ئاندىن ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلالايدۇ. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە «زاشىدېلې» دەپ بەخت تىلىدى.

  6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، چىڭخەينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، چىڭخەيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئورنى، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى ئورنى، بايلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقى گەۋدىلەندى. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. مەۋقەنى ئېگىزلىكنىڭ ئۆزىگە خاس بايلىق ئالاھىدىلىكىگە قويۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دۇنياۋى تۇزكۆل كەسىپلەر بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى، خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھىتى مەنزىلگاھى، يېشىل، ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىش ئورنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق رايون مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مالىيە، باج، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يەر شارىنىڭ 3 - قۇتۇپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداشنى چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرۈشۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپەيتكىلى بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. قارلىق تاغ، مۇزلۇق، دەريا مەنبەسى ئېقىن رايونى، كۆل، سۇلۇق يەر، ئوتلاق، چىملىق، قۇملۇق، چۆللۈك قاتارلىقلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلققە بەخت يارىتىپ، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيە بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئورگانىك خاس كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ مادو يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخەي چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇپ زاڭزۇلار رايونىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ زاڭزۇلار رايونىنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئۆلكە قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا بىر يۈرۈش ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنقىلاب روھىنى يېتىلدۈردى، شەكىللەندۈردى، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى، بۇ، بىزنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك يۈكسەك ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەگە كىرگەن ۋاقىتتا بەرگەن پارتىيەگە سادىق بولىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن دېگەن قەسەم سۆزىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماي، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۆلسىمۇ پۇشايمان قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەلققە بەخت يارىتىشتەك ئومۇمىي ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ تۈپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ، يالغۇز تۇرغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئادەم بولۇشى، ساپ ئادەم بولۇشى، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشى، چاكىنا ھەۋەسلەردىن خالىي ئادەم بولۇشى، خەلققە پايدىسى تېگىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. سادىق، پاك مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ