خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 6دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، خۇبېي شىيەن شەھىرى جاڭۋەن رايونىنىڭ يەنخۇ مەھەللىسىدىكى سودا بازىرىدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش يۈزبەردى. ھازىرغىچە، ۋەقەدە 12 ئادەم قازا قىلدى، 37 ئادەم ئېغىر يارىلاندى، يەنە بىر قىسىم ئامما ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.
ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بەردى، خۇبېي شىيەن شەھىرىدە يۈزبەرگەن يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلدى، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر! يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ جايلاردا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ۋەقەسى، مەكتەپ بىخەتەرلىكى ۋەقەسى يۈزبەردى، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئېغىر، زور تۇيۇقسىز ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەشكىللەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تالاپەتنى ئازايتىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يېقىنقى مەزگىلدە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ھەرقايسى رايونلارنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى نەق مەيدانغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتى ئىلمى، كۆيۈك يارىسى، پىسخىكىلىق ئارىلىشىش مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلارنى ئاجرىتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ شۇ جايغا بېرىپ ۋەقە جەريانىدا جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. خۇبېي ئۆلكىلىك، شىيەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا بىرتەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ