مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ جىلىندا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

2021.06.17 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:15-ئىيۇندىن 16-ئىيۇنغىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جىڭ جۈنخەي، ئۆلكە باشلىقى خەن جۈننىڭ ھەمراھلىقىدا سۇڭيۈەن، چاڭچۈندە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. سۇڭيۈەن شەھىرىدە، ئۇ ئېتىزغا بېرىپ كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك زۇڭلىغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل نەملىك ۋە كىلىمات ياخشى، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، لېكىن ئورىيا، دىزېل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى كۆپ ئۆستى، يېقىندا كۆممىقوناق باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ كۆڭلۈمىزنى خاتىرجەم قىلالمىدى. لى كېچياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا، ھازىر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نوپۇسى كۆپ، ئاشلىق يېتەرلىك بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ. مۇۋاپىق ئاشلىق باھا سەۋىيەسىنى ساقلاپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى توسۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىممەتلىك قارا تۇپراقنى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئاشلىق ئامبىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ تولۇق قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ چاگەن كۆلىگە كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ چوڭ كۆل ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەنى تەڭشەش، ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. سۇ مۇھىتىنى ئاسراشنى سىجىل بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئېكولوگىيە ئارقىلىق بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاگەن كۆلىنىڭ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

  جىلىن پەنپەن يېمەكلىك شىركىتىنى شەرقىي قىسىمدىكى كارخانىلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان. لى كېچياڭ كارخانىنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى سورىدى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېمەكلىك كەسپى مەڭگۈ گۈللىنىدىغان كەسىپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ، سىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ساغلام يېمەكلىكلەرنى ئېچىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لى كېچياڭ كارخانىنىڭ بۇ يەردە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ياخشى جاي، تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۆتكەلدىن ئۆتسىلا، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ شەنخەيگۇەندىن ئۆتىدۇ. ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ شەرقىي شىمالغا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ئىشەنچ بېرىپ، شەرقىي شىمال تەرەققىياتىنىڭ زور ئۈمىدكە تولغان ئىستىقبالىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ جۇڭگو-كورېيە چاڭچۈن خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كېلىپ، بۇ يەرگە ماكانلاشقان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سودا مۇھىتىغا بولغان تەسىراتى ۋە تەكلىپىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز چوڭ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئېلىپلا قالماي، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنىمۇ قارشى ئالىمىز. نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەخسۇسلاشقان، سەرخىل، ئالاھىدە يېڭى تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ، خاسلاشقان تۈرگە ئايرىلغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ھەممە يەردە گۈللەندۈرۈپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا تىرەك بولۇش كېرەك. شەرقىي شىمال چېگرا بويى، دېڭىز بويى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئېچىۋېتىشنى، بولۇپمۇ شەرقىي شىمالىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەرقىي شىمالنىڭ تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلارنى ئۇرغۇتۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.پۇقراۋى كارخانىلار قۇرغان كېچىك يېڭىلىق يارىتىش ئىش مەيدانىدا، لى كېچياڭ بۇ يەرنىڭ يېتىشتۈرۈش ۋە مەبلەغ سېلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ نەق مەيداندا قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ، كىچىك مەھسۇلاتلاردا چوڭ ئىنتىلىش بارلىقىنى ماختىدى. لى كېچياڭ ئىجادكارلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى ۋە قانداق قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك تەڭ كۈچەپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەم جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلسىلا، يېڭىلىق يارىتىش چوڭ كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەت قىرغاقلىرىغا ھەيدەپ بارالايدۇ.

  لى كېچياڭ جىلىننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۇختا، جاپالىق ئىشلەپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.شياۋ جيې، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ