مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»دا بېكىتىلگەن مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2021.06.11 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»دا بېكىتىلگەن مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»دا ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى بېكىتىلدى، بۇلار پەن-تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە تۈرلەرنى يولغا قويۇش تەييارلىقىنى تەرتىپلىك، ياخشى ئىشلەپ، قوللاش سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم تۈرلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىدى. نۆۋەتتە ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بىر قەدەر كۆپ، شۇڭا «باستۇرۇپ سۇغىرىش» بىلەن شۇغۇللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاساسنى كۈچەيتىش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى كونكرېت تۈرلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەر يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يىللارغا بۆلۈپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بىر تۈركۈمدە زاپاس ساقلاشتەك ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يەككە چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش تۈگۈنىنى تەتۈر تىزىپ، نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ بولغان باغلانما تۈرلەردە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، قۇرۇلۇش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەلىپى يۇقىرى بولغان چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلاردا چارلاش، لايىھەنى سېلىشتۇرۇش ۋە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ۋە يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ-چوڭ تۈرقۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسەت تىرىكى ۋە ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىللىق مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى مۇۋاپىق ئىگىلەش ھەم ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىجازەت بېرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئازايتىپ، تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاش، مەبلەغنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى سېلىنمىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرزى قاتارلىق ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا تېخىمۇ تولۇق قوزغاش كېرەك. بەشىنچى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارغا رىغبەتلەندۈرۈش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك بولمىغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەڭ تېببىي خادىملار خەلقنىڭ ھاياتىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ مۇۋاپىق مائاش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش كېرەك. بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئومۇمىي يۈكىنى ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار ئاساسىدا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى جانلىق تەڭشىشى كېرەك. ئاممىۋى پاراۋانلىق ۋەزىپىسى ئېغىر، پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇش كېرەك. جايلار ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ خىزمەت مىقدارى، مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، مائاش، ئىش ھەققى ئومۇمىي مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئىش ھەققى ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئالاقىدار ئامىللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاشى تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، يەنە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، باشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىچكى تەقسىمات ئەندىزىسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، ھالقىلىق ۋە ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق ئىش ئورنى، نەتىجىسى گەۋدىلىك تېببىي خادىملارغا مايىللىشىپ، چوڭ كېسەل، ئېغىر كېسەل قاتارلىق جەھەتلەردىكى كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆۋەن يىللىق دوختۇرلارنىڭ مائاش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئىشتات ئىچى-سىرتىدىكى خادىملارنىڭ مائاش تەمىناتىنى بىرتۇتاش ئويلىشىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ