مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئالىپوف بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2021.06.09 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىدا، تەكلىپكە بىنائەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئالىپوف بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.ل

  ى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دوستانە قوشنا ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئۆزئارا قوللىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنى چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بازار پىرىنسىپى ۋە سودا قائىدىسى بويىچە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستاننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا توشۇشىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو-ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون، دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  ئارىپوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايمەن. ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزبېكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ