مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.06.09 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىجۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشتىكى مۇھىم سۇپىسى. بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى، مەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو __ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا، ئەمەلىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىدىم، بۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىممىتى جەمئىي 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان تاۋار ئىمپورت قىلىش، كەلگۈسى بەش يىلدا ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت سوممىسىنى بىر قاتلاشنى قولغا كەلتۈرۈش، نىڭبو قاتارلىق جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو بازىرىنىڭ ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا تاۋارلىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشىگە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىسنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق. مەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2-نۆۋەتلىك جۇڭگو — ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى 8-ئىيۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدە باشلاندى، «يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش» __ كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا-شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ۋە كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ