مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ۋيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.06.18 13:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بۈگۈن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن سىن شەكلىدە سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋېيتنام تاغ-دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەردىن. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىناق قوشنىدارچىلىق بولسا، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى رۇەن چۈنفۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پائال بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئوخشاشلا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىن بولۇپ، نۇرغۇن ئورتاق ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ۋاقتىدا ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك»نى تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، دېڭىزدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش كېرەك.

  لى جەنشۇ يەنە ئۆز دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، «رەڭلىك ئىنقىلاب»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا زەربە بېرىدىغان ۋە توسىدىغانزومىگەرلىك ھەرىكەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك ۋە ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، قارشى تەرەپ بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋىيېتنام پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئارا كۆپ ئۆلچەملىك، ئىستېرېئولۇق دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىشنى خالايدۇ؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاش ۋە تۈزىتىش؛ ئارىلىشىشقا، جازالاشقا، چەكلەشكە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

  ۋاڭ تىڭخۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام ۋىيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ۋە ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. ۋىيېتنام پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام -جۇڭگو ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ