خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇن ئىساك خېرزوگقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىجادىي، ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ