شى جىنپىڭ موڭغۇلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان كۈرېلسۇخېغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2021.06.15 13:47
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئىيۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇخۇنا كۈرېلسۇخېغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوستانە قوشنىلار ۋە سەمىمىي ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مەن جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ