مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29-قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئومۇمىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2021.06.11 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29-قېتىملىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا ئالاقىدار ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا 21 تۈرلۈك قارالما ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەمئىي 12 قانۇن ۋە قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلدى، بۇنىڭ سەككىزى ماقۇللاندى، گوۋۇيۈەننىڭ بەش دوكلاتى ۋە بىر قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، 2020-يىللىق مەركەز نەق چوتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، بىر قارار چىقىرىلدى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ماقۇللاندى، تۈرلۈك ۋەزىپىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىغىندا چەت ئەلنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى، ھەربىيلەرنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، ماركا بېجى قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ نىزامىنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى. ئالاقىدار تەرەپلەر تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يانداش بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ سەككىز قانۇن ۋە قارارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى. باشتىن-ئاخىر سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيە، مۇھىم تەدبىر، مۇھىم تۈر قاتارلىقلارغا بولغان مالىيە چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى مالىيە خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش، نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش ھەم كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىدە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، قايتا-قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ۋە توسۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش قاتلىمىدىن خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ياخشى يولغا قويۇپ، ئەركىن سودا پورت سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى قەدەم-باسقۇچقا بۆلۈپ ئورنىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگوچە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چەت ئەلنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى، لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، ھەرقانداق ئادەم جۇڭگونىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىشىنى خام خىيال قىلمىسۇن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تۈرلۈك جازا ۋە مۇداخىلىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلقئارا ئادەتكە ئەمەل قىلىپ، چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئۇسۇللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، چەت ئەلنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە زەربە بېرىش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى قانۇنچىللىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەتراپلىق، توغرا چۈشىنىپ، قانۇندىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، كۈچلۈك جازاغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن «قورال ساندۇقى»نى تولۇقلاپ، قانۇن قورالىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى، دۆلىتىمىز پۇقرالىرى، تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ