مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى قارىلاش غەرىزى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى، دېدى

2020.07.03 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 46 دۆلەتنىڭ يېقىندا ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى قوللىغانلىقى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 2-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى قارىلاش غەرىزى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنسانىي ھوقۇق نامى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 46 دۆلەت ئورتاق سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىدى، جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىنسانىي ھوقۇق سورۇنلىرىدا شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى كۆپتۈرگەنلىكىگە قارىتا، كەڭ دوستانە ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بايرىقى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆپ قېتىم ئورتاق ئاۋاز چىقىرىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى، قانۇن بويىچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ماختىدى، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى. «بۇ نۆۋەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا، 46 دۆلەت مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر قېتىم ئورتاق سۆز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئېنىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى قارىلاش غەرىزى يەنە بىر قېتىم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى».

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ بەزى كۈچلەر تەرغىپ قىلغاندەك ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. كەسكىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇردى، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، ئالاقىدار تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت قەدەم- باسقۇچى ۋە ئىپادىسى بولدى. جۇڭگونىڭ تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولدى، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلىرى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ۋە دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى دەپ ئېتىراپ قىلدى.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، كۆپ تەرەپلىك ئىنسانىي ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل، تاللىماسلىق ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي سۆھبەت ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق، خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «بىز ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىمىز، ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنسانىي ھوقۇق نامى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ