مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: يۇقۇم يۈز بەرگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېڭىچە جاۋاب بەردى

--- پارتىيەنىڭ 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان (1)

2020.07.01 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھامان بەزى يىللار تارىخنىڭ يىل ھالقىسىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. 2020- يىلى ئېلىمىز تارىخىدا ئالاھىدە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىمۇ ئالاھىدە بىر يىل بولدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، ھەمدە پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان بۇ مۇھىم پەيتتە، بىز پارتىيىنىڭ 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق.

  جۇڭگو مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانچە شۇنچە تىرىشىدىغان پارتىيە بولۇپ، ئۇ خەتەردىن قۇتۇلىدىغان سىرلىق كۈچكە ئىگە ئىكەن، شۇڭا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايدىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى بۇ بىر مەيدان جەڭدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل تۈردە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدىغان بولغاچقا، نەتىجىدە زور ئىستراتېگىيىلىك نەتىجىلەر بىر قەدەر تېز قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئىزاھاتىدۇر.

  ئېسىمدە قېلىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقۇمنى يېڭىشكە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. يۇقۇم ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېزدىن ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ئۈنۈملۈك ۋە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكەتكە قويۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو ئۈنۈمىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن پارتىيە ۋە خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملەندى.

  ئېسىمىزدە قېلىشىچە، يۇقۇم خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان جىددىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئېغىر كېسەللەر كېسەلخانىسىدا مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇشتىن تاكى شەھەر-يېزا ۋە مەھەللىلەرگىچە ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ تەكشۈرۈشكىچە؛ سېختا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشتىن، تاكى پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقىچە، 39 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلدى. 400گە يېقىن پارتىيە ئەزاسى ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. بىر پارتىيە ياچېيكىسى بىر جەڭگىۋار قورغان ۋە بىر پارتىيە ئەزاسى بىر ئوچۇق بايراق بولدى. قەيەردە خەتەر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە ئەزاسى ھازىر بولدى، پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ 1- سېپىدە ئېگىز لەپىلدىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، بۇ قېتىمقى جەڭدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. مانا بۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكتۇر.

  ئېسىمىزدە قېلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىۋاتقان مۇھىم باسقۇچتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ھەم شۇنداقلا ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىن تارتىپ پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشقىچە، ئۆي ئىجارىسى باج خىراجىتىدىن تارتىپ ئادەم ئىشلىتىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغىچە، بىر قاتار ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك سىياسەت-تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىپ، قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوغداش ئۈچۈن، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى ۋە ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ۋە زىياننى تولۇقلاپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە قۇدرەتلىك كۈچنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 6- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ يېڭى مۆلچىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو 2020- يىلى دۇنيا بويىچە ئېشىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالىدىكەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، بۇ جەرىياننىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان تارىخ، شۇنداقلا تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭغان تارىخ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ خەۋپ-خەتەرگە، تېخىمۇ جاپالىق كۈرەشكە دۇچ كېلىمىز، شۇڭا يەنىلا ساغلام روھ بىلەن تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بوران-چاپقۇندا چېنىققان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋر ۋە يېڭى شان-شەرەپنى يېزىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ