مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش غەمخورلۇقى ئېلىپ كېلىندى

-- ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنى ئورتاق ياخشى ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئىشلىتىش كېرەك

2020.07.02 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر بىر ئائىلىنى ياخشى ئاسراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇش كېرەك.

  ئائىلە بولسا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسىدۇر، ئېسىل ئائىلە ئىستىلى بولسا جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇردى. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە قىسىمىدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەنگەن: ئائىلە ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قانۇننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ھەق تەلەپ قانۇنى ساھەسىدىكى بىر ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىپ بېكىتتى. ئۇ زور ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دۇنيا ھەق تەلەپ ئىشلىرى ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىشقىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بايلىق ۋە تەجرىبە بولۇپ قالىدۇ.

  ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەر بىر شەخسنىڭ بەختكە ۋە كىشىلەر قەلبىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇ ھەم شۇنداقلا پۈتكۈل دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىدە ئائىلىگە ۋە ئائىلىنى شەكىللەندۈرگەن ئەر-خوتۇنلار، پەرزەنتلەر ۋە باشقا ئەزالارغا تولۇق ئەھمىيەت بېرىلىپ، «تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى، ھەمدە تويلىشىش ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر-ئاياللار باراۋەر تويلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرمۇ قايتا تەكىتلەندى، ھەمدە قوش تويلىشىش ۋە ئائىلە زۇلۇمى قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلدى. تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە قىسىمىنىڭ بۇ مۇھىم مەزمۇنى بىر قاتار تويلىشىپ قۇرغان ئائىلىلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئىدىيەسىگە بولغان قانۇن ئېلانى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇيلىشىپ قۇرغان ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، ئۇ ھەم شۇنداقلا ئاياللار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسىدۇر. شۇڭا، ھەر بىر ئائىلىنى ياخشى ئاسراپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ ئۇلى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  ئائىلىمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى مەكتەپ. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇنىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسلىدىكى تويلىشىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ئاجراشقاندىن كېيىن، ئېمىتىلىۋاتقان مەزگىلىدىكى پەرزەنتلەر چوقۇم ئېمىتىۋاتقان ئانىسىغا ئەگىشىپ بېقىلىشى بىر پىرىنسىپ قىلىنىپ، «ئىككى ياشقا توشمىغان پەرزەنتلەرنى ئانىنىڭ بىۋاسىتە بېقىشى كېرەكلىكى بىر پىرىنسىپ قىلىنىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «پەرزەنتلەر سەككىز ياشقا توشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى يەنە ب د ت نىڭ «بالىلار ھوقۇق ئەھدىنامىسى»دىكى بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش پىرىنسىپىنى بېقىۋېلىش خىزمىتىنىڭ قانۇن-قائىدىلىرى سۈپىتىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەمدە بېقىۋېلىنغۇچىغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئالاقىدار قائىدىلەرنى يېڭىلىدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ياخشى قوغداش بولسا دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى قوغدىغانلىقتۇر. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش پىرىنسىپى تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە قىسىمىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىنىڭ باشتىن-ئاخىرىغىچە سىڭدۈرۈلگەن.

  دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە ئىچىدىمۇ بەزى يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى ئۇنىڭ ئىلگىرى بار بولغان پىرىنسىپى ۋە قىممىتى ئاساسىدا، ئۇنىڭ يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرمەكتە. مەسىلەن، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى قارىشى ئاساسىدا، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىدا ئورتاق تۇغقانچىلىق ھوقۇقى پىرىنسىپى بېكىتىلگەن ھەمدە توي قىلماي تۇرۇپ تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭ تۇغقانلىق ھوقۇقىغا قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنغان؛ قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلگەن بەزى ماجىرالار، يەنى ئەر-خوتۇنلارنىڭ زور سوممىلىق قەرز دېلوسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىدا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئورتاق قەرزىنى ئورتاق ئىمزالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئەر-خوتۇنلاردىن بىر تەرەپنىڭ شەخسىي نامىدا ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن قەرزنى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ۋە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى تەقسىملەش بەلگىلەندى؛ يېنىكلىك بىلەن ئاجرىشىش ۋە ھاياجانلىق بىلەن ئاجرىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىغا قارىتا، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسىدا ئاجرىشىشنىڭ سوغۇققانلىق مەزگىلى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، «ئاجراشماسلىقى مۇمكىن» بولغان ئەر-خوتۇنلارغا سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى تويلىشىپ قۇرغان ئائىلە ساھەسىدىكى يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. بۇ، ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە قانۇن چىقىرىشتىكى جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ