مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاتالمىش «شياڭگاڭ ئاپتونومىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

2020.07.03 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاتالمىش «شياڭگاڭ ئاپتونومىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

  يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ كەسكىن سۆزلىشىش تەلىپىگە پەرۋا قىلماي، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاتالمىش «شياڭگاڭ ئاپتونومىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى يامان غەرەزدە ھاقارەتلىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  بۇلتۇرقى «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنى» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرى تەشكىلاتى ۋە رادىكال بۆلگۈنچى كۈچلەر تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەتتا تېررورلۇق خاراكتېرىگە ئىگە زوراۋانلىق جىنايەت ئۆتكۈزدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىغا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسلىق ئالدىنقى شەرتىدۇر، ئۇ ھەم شۇنداقلا دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈىدىغان ھەرىكەت ۋە پائالىيەتكە قاراپ تۇرمايدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى» بولسا، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللەش، چەت ئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلار ۋە ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغان، ئۇنىڭدا دېيىلگەن جازالاش ئوبيېكتى بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەردۇر. بۇ قانۇن شياڭگاڭدىكى كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى شياڭگاڭ ئاھالىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدۇ.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى» شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇقىم ھالدا ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ قانۇن شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا پارلامېنتى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش «شياڭگاڭ ئاپتونومىيە قانۇن لايىھەسى»دە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ھەرگىزمۇ شياڭگاڭ خەلقىنىڭ «دېموكراتىيە» ۋە «ئەركىنلىكى» بولماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە توسۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر. جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىرادىسىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىمۇ ھەم قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرىنىڭ سۇيىقەستى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مەركەزنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شياڭگاڭ چوقۇم قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى ئىدارە قىلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇ «شەرق مەرۋايىتى» چوقۇم قايتىدىن پارلاق نۇر چېچىپ، تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ