مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2020.07.03 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دەسمايىسىنى تولۇقلىشىغا مۇۋاپىق مەدەت بېرىشكە يول قويۇش قارار قىلىندى؛ «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل چىقىم قىلىش نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى؛ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7- ئاينىڭ 1-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دەسمايىسىنى تولۇقلىشىغا مۇۋاپىق مەدەت بېرىشكە يول قويۇشنى قارار قىلدى؛ «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل چىقىم قىلىش نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)»نى ماقۇللاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىدى؛ دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا چوقۇم پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم چېكى ئىچىگە بەلگىلىك سومما ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان زايوم سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دەسمايىسىنى مۇۋاپىق تولۇقلايدىغان يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ دەسمايىسىنى تولۇقلىشىغا ئالدىن مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەدەت بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، دەسمايىسىنى تولۇقلاشقا مەدەت بېرىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېخانىزمنى ئالماشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىچكى كونترول قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى دەسمايىسىنى تولۇقلاشقا مەدەت بېرىشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، بانكا ۋە پايچىكلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغنى بېكىتىش، خەۋپ-خەتەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، بىر ساھەگە بىر خىل تەدبىر قوللىنىپ، دەسمايىسىنى تولۇقلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، يەرلىكمۇ باشقا بايلىقلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ مەدەت بېرىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پۈتۈن جەرياندىكى ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس زايومنىڭ دەسمايىسىنى مۇۋاپىق تولۇقلىشىغا قارىتا مۇددىتى توشقاندا ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىشقا بولىدىغان بازارلاشقان مېخانىزم ئورنىتىپ، ئەخلاق خەۋپ-خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ