مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇقلايدىغانلار پەقەت ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس

2019.10.17 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەشتە لاياقەتسىز بولغانلار ئوقۇش پۈتكۈزەلمەيدۇ. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق كۇرس مائارىپ ئىسلاھاتى ھۆججىتىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك، «دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى ساغلاملىق ئۆلچىمى»دىكى لاياقەتلىك بولۇش تەلىپىگە يەتمىگەنلەر ئوقۇش پۈتكۈزەلمەيدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەل ھودۇقۇپ قالدى، يىراققا سەكرەشتە پەقەت 1.1 مېتىر سەكرىيەلەيدىغان، تورنىك تارتىشتا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەشنى تارتالايدىغانلار ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدا، نۆۋەتتىكى ياشلارنىڭ بەدەن سۈپىتى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت رېئال مەسىلە بار. كۆچمە ئالاقە تورى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، «ئۆيگە بېكىنىۋېلىش» ___ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇش ھالىتىگە ئايلاندى: ئىلگىرى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئاشخانىغا قىستىلىپ كىرىپ تاماق يەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر كارىۋاتتىن چۈشمەي، توردا تاماق چاقىرىدۇ؛ ئىلگىرى كوماندا تەشكىللەپ ۋاسكېتبول ئوينايدىغانلار، ھازىر يىغىلىپ تور ئويۇنى ئوينايدۇ؛ پەقەت بىر تور سىمى بولسىلا، كۆپچىلىك بىرلىكتە تاڭ ئاتقۇچە جەڭ قىلىدۇ... بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %30 تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر ھەپتىدىكى تەنھەرىكەت قىلىشى بىر قېتىمدىن تۆۋەن ئىكەن. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساپاسى بارغانچە ناچارلىشىپ قالماي، روھىي ھالىتىمۇ زور دەرىجىدە ناچارلاپ كېتىدۇ. كىچىككىنە شامال چىقسىمۇ دەرەخكە يۆلىنىپ قالىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر.

  قايتا قارايدىغان بولساق، يېڭى قائىدە ھەقىقەتەن قاتتىق ھېسابلانمايدۇ. «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتلىك بەدەن سۈپىتى ساغلاملىق ئۆلچىمى»دىكىنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ئادەتتىكى تەنھەرىكەت تۈرلىرى، يەنە بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، ئۆپكە سىغىمچانلىقى قاتارلىق ئاساسىي نومۇرلار بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتىش تەس ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەل ياشلىق مەزگىلىدە تۇرغان ئىستۇدېنتلارنىڭ تۈرلۈك بەدەن كۆرسەتكۈچلىرى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتە بولۇشى كېرەك، 1000 مېتىر يۈگۈرۈشمۇ تەس كەلسە، بۇ راستىنلا ئەقىلگە سىغمايدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەشكە قاراپ قورقۇپ كېتىدۇ؟ بەدەن سۈپىتى ناچار بولۇش، تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ سەۋەبى، لېكىن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتالامدىن قارىغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان تەنھەرىكەت تەربىيەسىنىڭ تولىمۇ كەم بولۇشى تۈپ سەۋەبتۇر. ئىمتىھان مائارىپى ئەندىزىسىدە تەنتەربىيە دەرسى ئىزچىل ئېتىبارغا ئېلىنماي كەلدى، تەنتەربىيە دەرسىنى بەزىدە ئۆتۈپ، بەزىدە ئۆتمەسلىك ئەھۋالى بەك ئۇزۇن داۋاملاشقاچقا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تورنىك تارتىش، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئادەتتىكى تۈرلەردىكى توغرا قىياپەت، ماھارەتنىمۇ ئىگىلىيەلمىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇغۇچىلار تېخى يېڭى قائىدىلەرنى تەپسىلىي چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئىچى تىت-تىت بولۇپ، قاخشاپ كېتىشىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ.

  ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەنتەربىيە بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىنى ياخشى تولۇقلىشى كېرەك، ئالىي مەكتەپلەرمۇ شۇنداق. ئورۇنداش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بىر تەرەپ، لېكىن سىناقتا لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن كۈندىلىك مەشىقنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسىنى «ئوقۇش باشلاشتىكى بىرىنچى دەرس» قىلىپ تەسىس قىلدى. «ۋەتەن ئۈچۈن 50 يىل ساغلام خىزمەت قىلايلى» دەپ توۋلىغان چىڭخۇا داشۆسىدىمۇ ھەر يىلى ئالدى بىلەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سۇ ئۈزۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ، سىناقتىن ئۆتكەنلىرى مۇناسىۋەتلىك دەرسنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەر چوقۇم ئىككى يىل ئىچىدە مەشققە قاتنىشىپ، تەلەپكە يېتىشى كېرەك، بولمىسا ئوقۇش پۈتكۈزەلمەيدۇ. يەنە بەزى مەكتەپلەر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يۈگۈرۈش APP سى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېنىقىشىنى نازارەت قىلدى ھەمدە مەۋسۇملۇق تەنتەربىيە نەتىجىسىگە كىرگۈزدى؛ ئالىي مەكتەپ ئاشخانىلىرى ھەرىكەت قەدىمىگە قاراپ باھاسىنى چۈشۈردى، راستىنلا قاتتىق باش قاتۇردى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىل «ئوقۇش باشلاشتىكى بىرىنچى دەرس»تە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 87 ياشلىق پىروفېسسور نى ۋېيدوۋ ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ: تەنتەربىيە چېنىقىشى بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، جاپاغا چىدايدىغان روھنى تاۋلاپلا قالماي، تەنتەربىيە چېنىقىشى ئارقىلىق يەنە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەتكە كىرىشكىلى بولىدۇ، دېدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «تەنتەربىيە شامىلى» ۋە «ساغلاملىق شامىلى» بارغانسېرى كۈچىيىپ، «تەنتەربىيەدە ئۆلچەمگە يېتىش» پەقەتلا تېيىز قاتلاملىق مەقسەت بولۇپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ئەڭ مۇھىم نىشان قىلىنىدۇ.

  1917-يىلى ماۋ زېدۇڭ «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «تەنتەربىيە تەتقىقاتى» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، «روھى مەدەنىي بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بەدىنىنى ياۋايىلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن مەشھۇر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەشەببۇس بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا توغرا بولماقتا. مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇقلاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام، كۆتۈرەڭگۈ ھالىتىنى ساقلاپ، «ياشلىق ناخشىسى»نى ياڭرىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ