مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 2009- يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىساد كۆرگەزمىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك

2019.10.16 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019 - يىللىق جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىساد كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، ھەمدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېڭىز-ئوكيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېڭىز-ئوكيان ھاياتلىقنى پەيدا قىلىپ، دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دېڭىز-ئوكيان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئارقىىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. دېڭىز ئۈستى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كۆك رەڭلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت»نى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى تەرتىپلىك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەۋلادلارغا بىر پارچە كۆك دېڭىز قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ