خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز بىلەن كۈز ئالمىشىدىغان مەزگىلدە كۈندۈزى ئىسسىق، ئەتىگەن ۋە كەچتە سوغۇق بولىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، بەزىدە كۈزلۈك يامغۇر ياغىدۇ. پەسىل ئالمىشىدىغان، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، باش كۈزدە كۈتۈنگەندە تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئاچچىق يېمەكلىكنى ئازايتىپ، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش لازىم. قۇرغاقلىق كۈز پەسلىدىكى ئاساسلىق ھاۋارايى بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتىدە ئۆپكە نەمخۇشلۇقنى خالايدۇ، قۇرغاقلىشىش ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۇ چاغدا كىشىلەردە ئاسانلا ئېغىز-بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىشىش، يۆتىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكتە «ئاچچىق يېمەكلىكنى ئازايتىپ، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش»نى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈچۈمەل تەم ئۆپكىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاچچىق تەم ئۆپكىنى بوشىتىدۇ. ئاق مور، ئاق ئامۇت، چارتال، گۈلسامساق قاتارلىق مۇئەننەسلىكنى قۇۋۋەتلەپ قۇرغاقلىقنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، زەنجىۋىل، پىياز قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش لازىم. باش كۈزدە ھاۋا ئىسسىقتىن سوۋۇپ، تەرلەش تەدرىجىي ئازىيىدۇ، مېتابولىزم ياز پەسلىدىكىدىن ئاستىلايدۇ، ئورگانىزم دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ چاغدا كىشىلەر دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، يەنى كىشىلەر دائىم دەيدىغان «كۈزلۈك ھارغىنلىق» پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل بىئارامچىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ يېتىپ قوپۇش ئادىتىنى تەڭشەپ، بالدۇر يېتىپ بالدۇر قوپۇشىنى، دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەسىلەن، روھلۇق بولۇش ئۈچۈن كەچتە بىر سائەت بۇرۇن ئۇخلاش، چۈشتە سۈپەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەتىيازدا ئورىنىپ، كۈزدە ئۈششۈك تۇتۇش لازىم. كونىلاردا «ئەتىيازدا ئورىنىپ، كۈزدە ئۈششۈك تۇتقاندا، ئارىلاش كېسەل پەيدا بولمايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. جۇڭگو تېبابىتىدىكى ساقلىقنى ساقلاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «كۈزلۈك ئۈششۈك» نى مەشىق قىلغاندا، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئورگانىزمنىڭ سوغۇققا ماسلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. كىيىمنى بەك بالدۇر كۆپەيتمەسلىك، سالقىنلىقنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بىراق، «كۈزلۈك ئۈششۈك» مۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بىراق ھاۋارايى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەندە كىيىمنى قېلىنراق كىيىش كېرەك.
سىرتقا كۆپرەك چىقىش لازىم. كۈزنىڭ ساپ، سالقىن ھاۋاسى كىشىگە ياقىدۇ، كۆپچىلىك كۆپرەك سىرتقا چىقىپ، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلانسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئورگانىزملارنىڭ ماغدۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قەھرىتان سوغۇقنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن قان ۋە قۇۋۋەت توپلىغىلى بولىدۇ. شەخسىي بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن تاغقا چىقىش، ئاستا يۈگۈرۈش، سەھرا سەيلىسى قاتارلىق بىر قىسىم دالا ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش كېرەك. ھەرىكەت قىلغاندا چەكتىن بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ياكى بەك چارچاپ كەتمەسلىك، كۆپ مىقداردا تەر چىقىپ، ياڭچى (جۇڭيى تىبابىتى ئاتالغۇسى) نى زەخىملەندۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى