مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى جاراڭلىق

2019.09.24 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 70 يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇللۇق، ئومۇمىيلىق ۋە باشلامچىلىق خاراكتېرلىك تۆھپىلەر يارىتىلدى، ھەمدە ئومۇمىي سەۋىيە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دۆلىتىمىز ئىلگىرىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتتىن ھازىرقىدەك ئادەم كۈچى بايلىقى زور دۆلەتكە ئايلاندى.

  70 يىللىق مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، مائارىپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى بارلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ئادىل نەپلەرنى يەتكۈزدى. تېگى-تەكتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پەرقنى كىچىكلىتىپ ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، مىليونلىغان بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

  تېخىمۇ كۆپ تاغلىق بالىلار تاغدىن چىقىپ، كۆڭۈللىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كىردى؛ تېخىمۇ كۆپ يېزا مەكتەپلىرى شۇ جايدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە جايى بولدى؛ تېخىمۇ كۆپ مېيىپ بالىلار ساغلام بالىلار بىلەن بىرلىكتە تەربىيە ئالدى؛ ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن غەم قىلمايدىغان بولدى؛ يەنە نۇرغۇنلار ... ...

  جۇشقۇن روھلۇق تەبەسسۇم يۈزلەردىكى ئۈمىدكە تولغان جۈپ-جۈپ كۆزلەرنىڭ ئىچىگە دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى يۇشۇرۇنغان. مائارىپ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  70 يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇللۇق، ئومۇمىيلىق ۋە باشلامچىلىق خاراكتېرلىك تۆھپىلەر يارىتىلدى، ھەمدە ئومۇمىي سەۋىيە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، دۆلىتىمىز ئىلگىرىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتتىن ھازىرقىدەك ئادەم كۈچى بايلىقى زور دۆلەتكە ئايلاندى.

  70 يىللىق بوشاشماي كۈرەش قىلىش، بولۇپمۇ 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش نەتىجىسىدە، دۆلىتىىمىز ھازىر پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن، ھەمدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ كەڭ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور، ئالاھىدىلىكى ئەڭ روشەن بولغان مائارىپ دۆلىتى بولۇپ قالدى.

  ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، كەلگۈسىنىڭ قانچىلىك جاپالىقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

  بىر چاغلاردا، نۇرغۇن جايلاردا، مائارىپ يەنىلا خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېتەرسىز جايى ئىدى؛ بىر چاغلاردا، نۇرغۇن بالىلار ئائىلىسى نامرات بولغاچقا ئوقۇشسىز قالغان ئىدى؛ بىر چاغلاردا، مەجبۇرىيەت مائارىپى رايونى، شەھەر-يېزا ۋە مەكتەپلەر ئارىسىدا يەنە روشەن «ھاڭ»لار مەۋجۇت ئىدى؛ بىر چاغلاردا، نامرات رايۇنلاردىن چىقىپ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش، نۇرغۇن بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ يىراق ئارزۇ ئىدى... ...

  بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل جۇڭگودا ھەر بىر كىشى ئورتاق ئاسمان ئاستىدا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇش ۋە كىشىلىك ھاياتتا جۇلالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق بىر ئارزۇ ئەمەسكى، ھەرگىز يەتكىلى بولمايدىغان. بەلكى ئۇ شۇنداق بىر تۇيغۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئەڭ ھەقىقىي تۈردىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە ئەمىنلىك تۇيغۇسىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر ۋە يېڭى ۋەزىيەت نۆۋەتتە مائارىپ ۋە ئۆگىنىشكە يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدىكى، بۇنىڭدا بىز چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ خەلقئارا نەزەر، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا ئورنىغا ئۈزلۈكسىز ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ